20 پەرۋەردىگار بۇنىڭغا جاۋابەن: _ ئۆتۈنۈشۈڭنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى كەچۈردۈم.
شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.
شۇڭا خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلماق بولغانىدى، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان مۇسا چىقىپ رەھىم تىلەپ خۇدانىڭ غەزىپىنى باسقانىدى.
ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، جاۋاب بەردىڭ ئۇلارغا. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلدىڭ دائىما، ئەمما جازالىدىڭ ئۇلارنى توۋا قىلمىغىنىدا.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دۈشمەننىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ ئامان قالغان ئىسرائىل خەلقى چۆل-باياۋانلاردا ئاراملىققا ئىنتىزار بولۇپ يۈرگەن چاغدا، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.
مۇسا جاۋابەن: _ بولىدۇ، سىز بىر ۋاقىت بەلگىلەڭ. مەن سىزگە، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە خەلقىڭىزگە دۇئا قىلاي. شۇ چاغدا پاقىلار سىلەردىن ۋە ئۆيلىرىڭلاردىن يوقىلىدۇ. پەقەت نىل دەرياسىدىكى پاقىلاردىن باشقا پاقىلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار نىيىتىدىن يېنىپ، ئۆز خەلقىگە بالايىئاپەت چۈشۈرمىدى.