15 ئەگەر سەن بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ھالاك قىلىۋەتسەڭ، سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭدىن خەۋەردار بولغان ئەللەر چوقۇم:
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن جەزمەن ساڭا يار بولىمەن. سەن مىديانلارنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۇجۇقتۇرغانغا ئوخشاش ئاسانلا يوقىتىسەن، _ دېدى.
سەن نېمە ئۈچۈن مىسىرلىقلارنىڭ «ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى تاغ-دالالاردا ھالاك قىلىش، يەر يۈزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانىكەن» دېيىشىگە سەۋەب تېپىپ بېرىسەن؟ غەزىپىڭنى بېسىۋېلىپ، نىيىتىڭدىن يانغايسەن. ئۆز خەلقىڭگە چوڭ بالايىئاپەت چۈشۈرمىگەيسەن.
«پەرۋەردىگار ئۇ خەلقنى ئاشۇ زېمىنغا ئېلىپ كىرىشكە ۋەدە قىلغان، لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ قۇربىتى يەتمەپتۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنى چۆلدە قىرغىن قىلىپتۇ» دەيدۇ.