چۆلدە 14:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 ئۇلار كەنئان زېمىنىدىكى ئاھالىلەرگە بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىلەر سەن توغرۇلۇق ئاللىقاچان ئاڭلىغان. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بۇ خەلق بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭنى، سېنىڭ خەلقىڭ ئارىسىدا يۈزتۇرانە زاھىر بولغانلىقىڭنى، بۇلۇتۇڭنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى، سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىغان. Gade chapit la |
ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى.