8 ئەفرايىم قەبىلىسىدىن: نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا،
بۇ چاغدا ياش ۋاقتىدىن بۇيان مۇسانىڭ ياردەمچىسى بولۇپ كەلگەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مۇساغا: _ تەقسىر، ئۇلارنى توسۇۋالغايسىز؟ _ دېدى.
مۇسا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋا ئورنىدىن قوزغىلىپ، مۇقەددەس تاغقا چىقتى.
ئۇلار يوشۇۋاغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ سەن بىزگە نېمىنى بۇيرۇساڭ، بىز شۇنى بەجا كەلتۈرىمىز، نەگە ئەۋەتسەڭ شۇ يەرگە بارىمىز.
مۇسا ھايات ۋاقتىدا، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلەنگەنىدى. خۇدا يوشۇۋاغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغانىدى. شۇڭا ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇندى ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە ئىش قىلدى.
مۇسا ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بۇ مۇناجاتنى جامائەتكە ئوقۇپ بەردى.
پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋاغا مۇنداق دەپ ئەمر قىلدى: _ قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولغىن، سەن ئىسرائىللارنى مەن ئۇلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىسەن، مەن ساڭا يار بولىمەن.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. يوشۇۋانى چاقىرىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىللە كېلىڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇراي. مۇسا بىلەن يوشۇۋا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كەلدى.
بۇلار مۇسا كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىياغا [مەنىسى «ياردەم»] يوشۇۋا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياردەم قىلىدۇ»] دېگەن ئىسىمنى قويۇپ بەردى.
يوشۇۋا خەلقنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى ئاڭلاپ، مۇساغا: _ قارارگاھتىن ئۇرۇشنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ! _ دېدى.
ئىسساكار قەبىلىسىدىن: يۈسۈپنىڭ ئوغلى يىگال،
بىنيامىن قەبىلىسىدىن: رافۇنىڭ ئوغلى پالتى،
پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىسرائىللار يوشۇۋاغا ئۆزى تاللىغان شەھەرنى تەقسىم قىلىپ بەردى. ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى تىمنات-سەراخ شەھىرىنى تاللىۋالغانىدى. ئۇ بۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئىدى.