30 كالىب مۇسانىڭ ئالدىدىكى كىشىلەرنى تىنچلاندۇرۇپ، مۇنداق خىتاب قىلدى: _ بىز ئاتلىنىپ ئۇ زېمىننىڭ ئىگىدارلىقىنى چوقۇم ئېلىشىمىز كېرەك، بىز جەزمەن شۇنداق قىلالايمىز.
ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟
لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارىم كالىب ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى. مەن ئۇنى ئۇ بېرىپ باققان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.
خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن كۈرەش قىلىمىز باتۇرلارچە، ئىگەم ئۆزى مەغلۇپ قىلار دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە.
ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى بويسۇندۇردى، ئادىللىق بىلەن دۆلەت باشقۇردى، خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى،
لېكىن، بىزنى سۆيىدىغان خۇدانىڭ كۈچى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىمىز.
نەگېب چۆللۈكىدە ئامالەكلەر ياشايدىكەن، خىتلار، يىبۇسلار ۋە ئامورلار تاغ رايونلىرىدا ياشايدىكەن. كەنئانلار ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويىدا ياشايدىكەن.
لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغان كىشىلەر: _ بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالمايمىز، ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك، _ دېيىشتى.
تۆۋەندىكىلەر يەر تەقسىم قىلىشقا تاللانغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر: يەھۇدا قەبىلىسىدىن: يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب،