چۆلدە 13:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى29 نەگېب چۆللۈكىدە ئامالەكلەر ياشايدىكەن، خىتلار، يىبۇسلار ۋە ئامورلار تاغ رايونلىرىدا ياشايدىكەن. كەنئانلار ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويىدا ياشايدىكەن. Gade chapit la |
ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى.