Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 13:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 لېكىن ئۇ جايدا ياشايدىغان ئادەملەر كۈچتۈڭگۈر، شەھەرلىرى مۇستەھكەم ۋە ناھايىتى چوڭ ئىكەن. بىز ئۇ يەردە ھەتتا ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 13:28
12 Referans Kwoze  

ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ ئۇ يەرگە بارغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بىزدىن كۈچلۈك ۋە ئېگىزمىش. شەھەرلىرى ھەيۋەتلىك، سېپىللىرى ئېگىزلىكىدىن بۇلۇتقا تاقىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بار ئىكەن، شۇڭا بىز قورقۇپ، يۈرەكلىرىمىز ئېغىزلىرىمىزغا تىقىلىپ قالدى» دېيىشتى.


ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمىدى. بىراق ئۇلاردىن ئازغىنا بىر قىسمى گازا، گات، ۋە ئاشدود شەھەرلىرىدە قېلىپ قالدى.


بىز ئۇ يەردە نىفىللارنى كۆردۇق (ئۇلار ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر). بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا چېكەتكىدەك ھېس قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز چېكەتكىدەك ئىدۇق.


كالىب بۇ زېمىندىن ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى شېشاي، ئاخىمان ۋە تالمايلارنىڭ جەمەتلىرىنى قوغلاپ چىقاردى.


بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېگىز سېپىللىرى بولۇپ، سېپىل دەرۋازىلىرى بالداقلار بىلەن مۇستەھكەملەنگەنىدى. يەنە نۇرغۇن سېپىلسىز يېزىلارمۇ بار ئىدى.


رافاھلار كۈچلۈك خەلق بولۇپ، سانى كۆپ ئىدى، ئادەملىرى ئاناقلاردەك ئېگىز ئىدى. پەرۋەردىگار رافاھ خەلقىنى ئاممون خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا يوقىتىپ، ئاممون خەلقىنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگە قىلدى. ئۇلار شۇ يەردە ياشاپ قالدى.


مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىلگىرى تاپىلىغان سۆزلىرى بويىچە ھىبرون شەھىرى كالىبقا بېرىلدى. كالىب ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقاردى.


رافاھ خەلقىدىن بولغان يىشبى-بىنوب ئىسىملىك بىر پالۋان داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى 3.5 كىلو كېلەتتى. ئۇ يەنە بېلىگە يېڭى قىلىچ ئېسىۋالغانىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ شۇ چاغدا ۋەدە قىلغىنى بويىچە بۇ تاغلىق رايونلارنى ماڭا بەرگىن. ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھېلىمۇ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىسەن، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى چوڭ ھەم مۇستەھكەم. پەرۋەردىگار ماڭا يار بولغاي. شۇنداق بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite