Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 13:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 ئۇلار مۇسا، ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى جايلاشقان پاران چۆلىدىكى كادېش دېگەن جايغا قايتتى. ئۇلار ئۇ جايدا مۇسا ۋە ھارۇن ھەم ئۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرسەتتى

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 13:26
14 Referans Kwoze  

ئىلگىرى مەن كادېش-بارنېيادىكى ۋاقتىمدا ئاتىلىرىڭلارنى ئۇ يەرنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتسەم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلغانىدى.


ئىسرائىل خەلقىنىڭ پۈتۈن جامائىتى زىن چۆلىگە 1-ئايدا يېتىپ كېلىپ، كادېش دېگەن جايدا تۇرۇپ قالدى. مەريەم شۇ يەردە قازا قىلىپ، دەپنە قىلىندى.


_ بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە سىناي تېغىدىن يولغا چىقىپ، سىلەر كۆرگەن ئاشۇ چەكسىز، قورقۇنچلۇق قاقاس چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، ئامورلارنىڭ تاغلىق رايونى بىلەن كادېش-بارنېياغا باردۇق.


ئەزيون-گەبەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زىن چۆلىدىكى كادېشتا قارارگاھ قۇردى.


لېكىن بىز پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدۇق. ئۇ نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر بىز كادېشتا، سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگراسىدا تۇرۇۋاتىمىز.


ئىسرائىللار گىلگالدا قارارگاھ قۇرۇپ تۇرۇۋاتقان چاغدا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىشتى. قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ كادېش-بارنېيادا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە سەن ۋە مەن توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىلىسەن.


ئارقىدىنلا ئۇلار ئېنمىشپات، يەنى كادېشقا قايتىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، خازون-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورلارنىمۇ تارمار قىلدى.


قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇلار كەنئان زېمىنىنى چارلاشتىن قايتىپ كەلدى.


مۇسا كادېشتىن ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تۆۋەندىكى سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى: «بۇ قېرىنداش ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئېيتقانلىرى: ‹بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق كۈلپەتلەردىن خەۋەردارسىز.


سىناي تېغىدىن كادېش-بارنېياغا بېرىش ئۈچۈن سەئىر تاغلىرىدىكى يول بىلەن ماڭسا، 11 كۈن كېتەتتى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تىترىتەر چۆل-جەزىرىنى، پەرۋەردىگار زىلزىلىگە سالار كادېش چۆللۈكىنى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا پاران چۆلىدىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىللارنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.


ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا مېنى بىز بارىدىغان زېمىنلارنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەنىدى. شۇ چاغدا مەن قىرىق ياشتا ئىدىم. مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرگە شۇ زېمىنلاردا كۆرگەنلىرىمنى ئەينەن ئېيتتىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite