23 ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا كەلگەندە، ئۈزۈم باراڭلىرىدىن بىر ساپاق ئۈزۈمنى شېخى بىلەن كېسىۋالدى. ئۇنى خادىغا ئېسىپ كۆتۈرۈپ كېلىشتى، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئازراق ئانار ۋە ئەنجۈرلەرنى ئېلىپ كەلدى.
ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانىدى.
ئىسرائىللار ئۇ يەردىن بىر ساپاق ئۈزۈم ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يەر ئەشكول جىلغىسى [مەنىسى «ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى»] دەپ ئاتالدى.
كېيىن، شىمشون سورېق جىلغىسىدا ياشايدىغان دىلەيلا ئىسىملىك بىر ئايالغا ئاشىق بولۇپ قالدى.
لېكىن قۇتۇلۇپ قالغان بىر كىشى بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي ئىبرامغا مەلۇم قىلدى. ئۇ چاغدا ئىبرام ئامور قەبىلىسىدىن بولغان مامرە ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ دۇپ دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە ۋە ئىككى ئىنىسى، يەنى ئەشكول ۋە ئانېر ئىبرام بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ھەمكارلاشقۇچىلار ئىدى.
ئۇ يەر بۇغداي، ئارپا، ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار، زەيتۇن ۋە ھەسەلگە بايدۇر.