Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 13:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ئۇلار دەسلەپ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھىبرون شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئاخىمان، شېشاي ۋە تالمايلار ياشايتتى. (ھىبرون مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى بىنا قىلىنغانىدى.)

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 13:22
21 Referans Kwoze  

ئۇنتۇدى ئۇلار خۇدانىڭ مىسىردىكى مۆجىزىلىرىنى، زوئان تۈزلەڭلىكىدە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.


مىسىردىكى زوئان دالالىرىدا، كۆرسىتىلگەنىدى مۆجىزە ئەجدادلىرىمىزغا.


زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەقىقەتەن ئەخمەق، پىرئەۋننىڭ دانىشمەنلىرى ئەخمىقانە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ: «مەن بىر دانىشمەننىڭ ئوغلى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ ئەۋلادى.» ئۇلار نەقەدەر قاپ يۈرەكلىك بىلەن پىرئەۋنگە شۇنداق دېگەن-ھە!


گەرچە يەھۇدىيەنىڭ ئەمىرلىرى ۋە ئەلچىلىرى مىسىرنىڭ زوئان شەھىرى ۋە خانېس شەھىرىگە بارغان بولسىمۇ،


ۋە ھىبرون (ئىلگىرى قىريات-ئاربا شەھىرى دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىدە ياشايدىغان كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىپ شېشاي، ئاخىمان ۋە تالماي قاتارلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.


زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ، مېمفىس شەھىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ئۆز-ئۆزىنى ئالداۋاتىدۇ، مىسىردىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرى مىسىرنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ.


داۋۇت ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمئىي يەتتە يېرىم يىل پادىشاھ بولدى.


شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرەرسىگە بارايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ بارغىن، _ دېدى پەرۋەردىگار. _ قايسى شەھەرگە باراي؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت. _ ھىبرونغا بارغىن! _ دېدى پەرۋەردىگار.


شۇنىڭ بىلەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ھىبرون شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، لىبناھ،


بىز ئۇ يەردە نىفىللارنى كۆردۇق (ئۇلار ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر). بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا چېكەتكىدەك ھېس قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز چېكەتكىدەك ئىدۇق.


مۇسا ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: _ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايونغا كىرىڭلار.


ئۇ كەنئاننىڭ قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن ئىبرام چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ھىبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇپ دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى.


لېكىن ئۇ جايدا ياشايدىغان ئادەملەر كۈچتۈڭگۈر، شەھەرلىرى مۇستەھكەم ۋە ناھايىتى چوڭ ئىكەن. بىز ئۇ يەردە ھەتتا ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق.


ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك ۋە بويلىرى ئېگىز بولغان ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ باردۇر. سىلەر ئۇلارنى بىلىسىلەر ھەم «ئاناقلارغا كىم قارشى تۇرالايدۇ؟» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئاڭلىغان.


يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ، ئەگلوندىن ھىبرون شەھىرىگە يۈرۈش قىلىپ، بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى.


ھىبرون دېگەن يەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتتى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن كېزىپ چىققان ھەممە يەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا سوۋغات ئەۋەتتى.


رافاھ خەلقىدىن بولغان يىشبى-بىنوب ئىسىملىك بىر پالۋان داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى 3.5 كىلو كېلەتتى. ئۇ يەنە بېلىگە يېڭى قىلىچ ئېسىۋالغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite