Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 13:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 بۇلار مۇسا كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىياغا [مەنىسى «ياردەم»] يوشۇۋا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياردەم قىلىدۇ»] دېگەن ئىسىمنى قويۇپ بەردى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 13:16
14 Referans Kwoze  

ئەفرايىم قەبىلىسىدىن: نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا،


مۇسا يوشۇۋاغا: _ سەن ئەتە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تاللىغىن. مەن قولۇمغا خۇدا ماڭا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەمر قىلغان تاياقنى تۇتۇپ، تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرىمەن، _ دېدى.


ئەگەر خۇدانىڭ ئاراملىقى ئەجدادىمىز يەشۇ ئىسرائىللارنى خۇدا بېرىشكە ۋەدە قىلغان قانان زېمىنىغا باشلاپ كىرگەندىكى ئاراملىق بولسىدى، خۇدا كېيىن يەنە ئاراملىق ھەققىدە توختىلىپ، «بۈگۈن» دېمىگەن بولاتتى.


بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك: «ئەسلى خەلقىم ھېسابلانمىغان خەلقنى خەلقىم، ئەسلى سۆيگەنلىرىم ھېسابلانمىغانلارنى سۆيگەنلىرىم دەيمەن.» ھوشىيا پەيغەمبەر يەنە ئېيتقانكى:


ئەجدادلىرىمىز ئىبادەت چېدىرىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلغان ۋە كېيىن يەشۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا قوغلىغان مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئىبادەت چېدىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن. ھەتتا پادىشاھ داۋۇتنىڭ زامانىغىچە شۇ چېدىردا خۇداغا ئىبادەت قىلغان.


يەھۇدىيەگە ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيالار ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا ۋە ئىسرائىلىيەگە يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەنىدى.


مۇسا ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بۇ مۇناجاتنى جامائەتكە ئوقۇپ بەردى.


مەن سىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىڭلار ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىنغا سىلەرنى كىرگۈزمەيمەن. پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۇ زېمىنغا كىرەلەيدۇ.


كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا بارغانلاردىن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب كىيىملىرىنى يىرتىشىپ،


گاد قەبىلىسىدىن: ماكىنىڭ ئوغلى گىئۇئېل.


_ ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ھەربىر قەبىلە باشلىقلىرى ئىچىدىن بىردىن كىشىنى تاللاپ، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكىن، _ دېدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادا مېنىڭ روھىم بار. سەن ئۇنى باشلاپ كېلىپ، قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن.


ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite