Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 12:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 مەن ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە سۆزلەيمەن، يوشۇرۇن مەنىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق قىلىپ سۆزلەيمەن. ئۇ سىياقىمنى كۆرىدۇ. ۋاھالەنكى سىلەر قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەشكە پېتىندىڭلار؟

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 12:8
39 Referans Kwoze  

شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىللار ئىچىدىن پەرۋەردىگار يۈزمۇيۈز سۆزلەشكەن مۇسادەك بىرمۇ پەيغەمبەر چىقىپ باقمىدى.


بىز سۇس كۆرۈنىدىغان ئەينەك ئارقىلىق كۆرۈۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەممە نەرسىنى غوۋا كۆرىمىز. لېكىن، كەلگۈسىدە بولسا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز. ھازىر مېنىڭ خۇدا توغرىسىدا بىلىدىغىنىم چەكلىكتۇر، ئۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە خۇدا مېنى تولۇق بىلگەندەك، مەنمۇ ھەممىنى تولۇق بىلىدىغان بولىمەن.


قولۇمنى تارتىۋالىمەن. سەن مېنى كەينىمدىن كۆرىسەن، چىرايىمنى كۆرەلمەيسەن.


پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن خۇددى دوستى بىلەن سۆزلەشكەندەك يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. مۇسا قارارگاھقا قايتىپ كەلگىنىدە، نۇننىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ ياش ياردەمچىسى يوشۇۋا يەنىلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا بولاتتى.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە: - كىمدەكىم سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارغا كىرسە، مېنىڭ سۆزۈمگە كىرگەن بولىدۇ. كىمدەكىم سىلەرنى رەت قىلسا، مېنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ. مېنى رەت قىلغانلار مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ، - دېدى.


ئەمدى سىلەرنى «چاكار» دېمەيمەن. چۈنكى، چاكار خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەيمەن، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم.


بولۇپمۇ چىرىك ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ۋە خۇدانىڭ ھوقۇقىغا سەل قارىغان ھېلىقى ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنى قانداق جازالاشنى بىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، مەغرۇرلارچە ئىش قىلىدۇ ھەم ئەرشتىكى ئۇلۇغلارغا ھاقارەت قىلىشتىن قورقمايدۇ.


بىزلەردىكى چۈمپەردىلەر ئېلىۋېتىلگەچكە، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز رەببىمىزگە ئوخشاش بولۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، بارا-بارا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈۋاتىمىز. بۇ رەببىمىزدىن، يەنى مۇقەددەس روھتىندۇر.


مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلمىغان بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرگەن، شۇنداقتىمۇ يەنە مەندىن ۋە ئاتامدىن نەپرەتلەندى.


ھەققانىيلىقىم بىلەن يۈزۈڭنى كۆرەرمەن، ئويغانغىنىمدا دىدارىڭغا قانارمەن.


ئاراڭلارغا كىرىۋالغان بۇ ئادەملەر «خۇدادىن ۋەھىي كەلدى» دەپ، بۇزۇقلۇق قىلىپ، شۇ تەرىقىدە ئۆز تەنلىرىنى بۇلغىماقتا. ئۇلار خۇدانىڭ ھوقۇقىغا پىسەنت قىلماي، ئەرشتىكى ئۇلۇغلارغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا.


ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تەلىمنى رەت قىلغان كىشى ئىنساننى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.


خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس. بىراق، ئۇنى ئاتىمىز خۇدانىڭ ھەمراھى ۋە يېگانە ئوغلى، شۇنداقلا ئۆزى خۇدا بولغان ئەيسا مەسىھ بىزگە بىلدۈردى.


بۇنىڭ بىلەن، بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىر بولۇپ كەلگەن ئىشلارنى تىلغا ئالىمەن.»


شۇ چاغدا مەن: _ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۇلار مېنى «بۇ ئادەم پەقەت مەسەل سۆزلەۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ، _ دېدىم.


_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى مەسەل ۋە تەمسىلنى ئېيتىپ بەر ۋە


سىلەر مېنى كىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ، كىم بىلەن تەڭ قىلىۋاتىسىلەر؟ ھېچكىم ماڭا ئوخشىمايدۇ، ماڭا تەڭ بولىدىغىنى يوقتۇر!


سىلەر كىمنى خۇدا بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر؟ سىلەر قايسىبىر شەيئىنىڭ قىياپىتىنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالايسىلەر؟


دىققىتىمنى بېرىپ مەن ھېكمەتلىك سۆزلەرگە، لىرا چېلىپ شەرھى بېرەي ئۇنىڭ سىرلىق مەنىلىرىگە.


_ پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىكى ئوت ئىچىدىن سىلەرگە سۆزلەۋاتقاندا، سىلەر ئۇنىڭ سىياقىنى كۆرمىدىڭلار. شۇڭا سىلەر ئىنتايىن ھوشيار بولۇڭلار،


ئاسمان، زېمىن ۋە سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار.


ئەيسا مەسىھ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان خۇدانىڭ ئوبرازىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.


ئۇلار كەنئان زېمىنىدىكى ئاھالىلەرگە بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىلەر سەن توغرۇلۇق ئاللىقاچان ئاڭلىغان. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بۇ خەلق بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭنى، سېنىڭ خەلقىڭ ئارىسىدا يۈزتۇرانە زاھىر بولغانلىقىڭنى، بۇلۇتۇڭنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى، سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىغان.


ھارۇن ۋە باشقا ئىسرائىللار مۇسانىڭ چىرايىدىكى نۇرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يېقىن كېلىشتىن قورقۇشتى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ مەن ساڭا پۈتۈن ياخشىلىقىمنى زاھىر قىلىپ، ئالدىڭدىن ئۆتىمەن، ھەم سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ «ياھۋەھ» دېگەن مۇقەددەس نامىمنى جاكارلايمەن. كىمگە مېھرىبانلىق قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن.


قەدىمكى زامانلاردا، خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ھەر خىل يوللار بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆزلىگەنىدى.


ياقۇپ ئىچىدە: _ مەن خۇدا بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشكەن بولساممۇ، جېنىم ساق قالدى! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يەرنىڭ نامىنى پىنىئەل [مەنىسى «خۇدانىڭ يۈزى»] دەپ ئاتىدى.


ئاسمان، زېمىن ياكى سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار.


چۈشەنگىلى بولار بۇ پەند-نەسىھەتلەردىن ئەقلىيە سۆزلەرنى، تەمسىللەرنى، ئاقىللارنىڭ ھېكمەتلىرى ۋە تېپىشماقلىرىنى.


پەرۋەردىگار پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن باشلاپ چىقتى ھەم شۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلارنى قوغدىدى.


بۇ چاغدا بۇرغىنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى كۈچەيدى. مۇسا سۆز قىلدى، خۇدا ئۇنىڭغا گۈلدۈرماما بىلەن جاۋاب قايتۇردى.


مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھتىن پاكلىنىش جايى»غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى «كېرۇب»نىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار شۇ خىل ئۇسۇلدا مۇسا بىلەن سۆزلەشتى.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىسرائىل قېرىنداشلىرىڭلار ئىچىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تاللايدۇ، سىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite