Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 12:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 لېكىن خىزمەتكارىم مۇساغا باشقىچە سۆزلەيمەن، ئۇ پۈتۈن خەلقىم ئارىسىدا ھەممىدىن سادىقتۇر.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 12:7
15 Referans Kwoze  

بىرەر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئىشەنچلىك بولۇشتۇر.


ئاندىن ئەۋەتتى خۇدا ئۆز قۇلى مۇسانى، يوللىدى ئۆز تاللىغىنى ھارۇننى.


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى، يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:


بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلار ئارىسىدا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادىنمۇ ئۇلۇغ كىشى ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق، ئەمما ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرسىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ.


ئەگەر مەن يېنىڭغا ۋاقتىدا بارالمىسام، بۇ خېتىم ساڭا خۇدانىڭ ئائىلىسى ئىچىدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئائىلە بولسا مەڭگۈ ھايات خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدۇر. بۇ جامائەتچىلىك ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئاساسىدۇر.


بۇ ھالنى كۆرگەن مۇسا پەيغەمبەر ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، تېگى-تەكتىنى بىلىش ئۈچۈن تىكەنلىكنىڭ يېنىغا باردى. بۇ چاغدا، ئۇ خۇدانىڭ:


ئەمەلىيەتتە، سىلەر بىر پەيغەمبەرنى كۆرگىلى چىقتىڭلار. ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، يەھيا پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈندۇر.


مەن ئۇلارنىڭ ئىسرائىل قېرىنداشلىرىدىن ساڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تاللاپ، سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويىمەن. ئۇ مېنىڭ بارلىق سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزىدۇ.


خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇسا موئابتا ۋاپات بولدى.


_ مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى مەن ئۇلارغا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانغىن.


پەرۋەردىگار شەيتانغا: _ خىزمەتكارىم ئايۇپقا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ زېمىندا ئۇنىڭدەك قۇسۇرسىز، دۇرۇس ئادەم يوق. ئۇ ماڭا ئىخلاسمەن بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇرىدۇ، _ دېدى.


پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن خۇددى دوستى بىلەن سۆزلەشكەندەك يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. مۇسا قارارگاھقا قايتىپ كەلگىنىدە، نۇننىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ ياش ياردەمچىسى يوشۇۋا يەنىلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا بولاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite