15 شۇنىڭ بىلەن مەريەم قارارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇردى. تاكى ئۇ قايتۇرۇپ كېلىنگۈچە، خالايىق ھېچ يەرگە كۆچمىدى.
ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار. زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن، شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى كىشىلەر بىلسۇن. غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن.
مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا يېتەكچى قىلىپ ئەۋەتتىم.
گەرچە ئۇ ئازار بەرسىمۇ بىزگە، شاپائەت قىلار ئۇ يەنە، چۈنكى ئۇ ئىگىدۇر چەكسىز مۇھەببەتكە.
ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.
پاكلانغۇچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، يۇيۇنسۇن. ئاندىن ئۇ كىشى پاك كىشى ھېسابلىنىپ، قارارگاھقا كىرسە بولىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاۋۋال ئۆز چېدىرىنىڭ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇرسۇن.
كېيىن خەلق خازېروتتىن قوزغىلىپ، پاران چۆلىگە كېلىپ قارارگاھ تىكتى.