Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 12:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئۇ مۇساغا يالۋۇرۇپ: _ ئەي ھەزرىتىم، بىز ئەخمەقلىق قىلىپ گۇناھ قىلدۇق، گۇناھىمىزدىن كېچىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 12:11
15 Referans Kwoze  

لەشكەرلەرنىڭ سانى ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، داۋۇت كۆڭلىدە ئۆزىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا: _ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئى پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن، _ دېدى.


_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، يېرۇسالېمدىن چىققان كۈنى ئۆتكۈزگەن گۇناھىمدىن ئۆتكەيلا، گۇناھىمنى ئەسلىرىدە ساقلىمىغايلا، ئۇنتۇپ كەتكەيلا.


گەر ئەخمەق بولۇپ، چوڭ تۇتساڭ ئۆزۆڭنى، يامان غەرەزدە بولغان بولساڭ ۋە ياكى، تۇت قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى!


قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ.


شىمون ئۇلارغا: - مەن ئۈچۈن خۇدادىن تىلەڭلاركى، ئېيتقانلىرىڭلاردىن بىرىمۇ بېشىمغا كەلمىسۇن! - دېدى.


ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ بىزنىڭ تەلىپىمىزگە قۇلاق سېلىپ، بۇ زېمىندا قالغان بىزلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. بۇرۇن سانىمىز كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر سىز كۆرگەندەك، پەقەت نەچچىمىزلا قالدۇق.


پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ھەقىقىي سادىق بولغانلارنى يۆلەيدۇ. سىز ئەخمەقلىق قىلدىڭىز، بۇندىن كېيىن سىزنى ئۇرۇش پالاكىتى باسىدۇ.


پادىشاھ پەيغەمبەرگە: _ مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا دۇئا قىلىپ، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇشىنى تىلىسەڭ، _ دەپ يالۋۇردى. پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغانىدى، پادىشاھنىڭ قولى ئەسلىگە كەلدى.


خەلق سامۇئىلغا: _ بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. چۈنكى بىز پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىپتىمىز، _ دېدى.


شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.


كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىڭلار. ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلىپ قويۇڭلار، _ دېدى.


خەلق مۇساغا يالۋۇرۇۋىدى، مۇسا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. ئاندىن ئوت ئۆچتى.


مەريەم ھەرگىزمۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئۆلۈك تۇغۇلغان، يېرىمى چىرىپ كەتكەن ھامىلىگە ئوخشاپ قالمىسۇن! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite