Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 12:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 مۇسا كۇشتىن كەلگەن ئايالغا ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەريەم بىلەن ھارۇن ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 12:1
19 Referans Kwoze  

مۇسا رەئۇلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى. رەئۇل قىزى زىپپورانى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى.


رىبەقا ئىسھاققا: _ مەن ئەساۋنىڭ خىتلاردىن ئالغان ئاشۇ ئىككى ئايالىدىن تويۇپ كەتتىم. ئەگەر ياقۇپمۇ خىتلاردىن قىز ئالسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى، _ دېدى.


خوجايىنىم ئۆزىنىڭ تاپشۇرغانلىرىغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن مېنى قەسەم قىلدۇردى. ئۇ: «سەن ئوغلۇمغا بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن خوتۇن ئېلىپ بەرمەي،


ئەمدىلىكتە، سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن، دۈشمىنىڭلارغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟


(سەۋەبى، ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.)


ئادەمنىڭ دۈشمىنى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەردۇر.


ئوغلۇم ئىسھاقنى بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن ئۆيلەندۈرمەيدىغانلىقىڭغا پەرۋەردىگار، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل.


تۇل ئايالنى، ئاجراشقان ئايالنى، ياكى بۇلغانغان پاھىشەنى ئەمرىگە ئالمىسۇن. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ قەبىلىسى ئىچىدىكى يۈزى ئېچىلمىغان قىزنى ئەمرىگە ئالغاندىلا،


شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭمۇ يات خەلقلەرنىڭ قىزلىرىنى نىكاھىغا ئېلىپ، مەندىن يۈز ئۆرۈشى ۋە يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشى مۇمكىن.


پىرئەۋن يۈسۈپكە مىسىرچە زافنات-پانېئاخ دەپ ئىسىم قويدى ۋە ئۇنىڭغا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. يۈسۈپ مىسىرنىڭ پىرئەۋنىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىدا، ئوتتۇز ياشتا ئىدى. ئۇ پىرئەۋن ئوردىسىدىن چىقىپ، مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.


مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.» ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلار سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلغانلار سىلەرنىڭكىگىمۇ ئەمەل قىلىدۇ.


- كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇ كىشىگە.


مىدياندىكى بىر روھانىينىڭ يەتتە قىزى ئۇ يەرگە سۇ ئالغىلى كەلدى. ئۇلار دائىم ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن بۇ قۇدۇققا كېلىپ، سۇ تارتىپ، نورنى تولدۇرۇشاتتى.


مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى، مىسىردا ھەم چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى ئون قېتىم سىنىغان، ماڭا ئىتائەت قىلمىغان بۇ خەلق


مۇساغا قارشى تۇردى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن 250 ئادەم ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار جامائەتتىن تاللانغان ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى.


ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ قىزى ئىدى. ئۇ مىسىردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ ئامرامغا ھارۇن ۋە مۇسا قاتارلىق ئىككى ئوغۇل ۋە مەريەم ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇپ بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite