Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 11:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 مىسىردىكى چاغلىرىمىز ھېلىمۇ ئېسىمىزدە بار، ئۇ ۋاقىتتا بىكارلىق بېلىقنى خالىغانچە يەيتتۇق. تەرخەمەك، تاۋۇز، غولپىياز، پىياز ۋە سامساقمۇ بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 11:5
7 Referans Kwoze  

_ پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ بوپتىكەن. ئۇ يەردە ھېچبولمىغاندا قازاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى تويغۇدەك يەيتتۇق. لېكىن سىلەر بىزنى چۆلگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، _ دېيىشتى.


بۇنداقلارنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتۇر. ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر. ئۇلارنىڭ ماختىنىدىغىنى نومۇسسىز ئىشلاردۇر. ئۇلار پەقەت بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىلا ئويلايدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بۇ پانىي دۇنيادىكى رەزىللەردىن. پەقەت مۇشۇ دۇنيادىدۇر ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى، نېمەتلىرىڭ بىلەن تويار ئۇلارنىڭ قورسىقى. پەرزەنتلىرى بىلەن قانائەت تاپار كۆڭۈللىرى، بالىلىرىغا قالدۇرار ئۇلار مال-مۈلكىنى.


ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇندىن ئاغرىنىپ، ئۇلارغا: _ مىسىردا ئۆلگەن بولساق، ياكى مۇشۇ چۆلدە ئۆلگەن بولساق ئوبدان بولار ئىكەندۇق.


غېرىبانە سىئون يالغۇز قالدى، ئۇ ئۈزۈمزارلىقتىكى يېگانە چەللىگە، قوغۇنلۇقتىكى ئەسكى كەپىگە ۋە مۇھاسىرىگە ئېلىنغان شەھەرگە ئوخشاش يالغۇز قالدى.


لېكىن بىز «جەننەت خانىشى»غا قۇربانلىق كۆيدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشنى توختاتقاندىن بۇيان، ھەممە نەرسىمىز كەمچىل بولماقتا، قېرىنداشلىرىمىز ئۇرۇش ياكى ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە.


ھەمدە «مىسىرغا كېتەيلى، ئۇ يەردە بىز ئۇرۇش كۆرمەيمىز، ئۇرۇشقا چاقىرىۋاتقان بۇرغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلىمايمىز ياكى ئاچارچىلىققا قالمايمىز، بىز ئۇ يەردە تۇرىمىز» دەيدىغان بولساڭلار،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite