22 ئۇلارنى تويدۇرۇشقا يەتكۈدەك ئۇنچىۋالا كۆپ قوي، كالىلارنى نەدىن تاپقىلى بولار؟ ئۇلارغا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەتمەسمىكىن؟! _ دېدى.
شاگىرتلار ئۇنىڭغا: - بۇنداق خىلۋەت بىر يەردە بۇنچىۋالا خالايىقنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپىمىز؟ - دېيىشتى.
لېكىن پادىشاھنىڭ سەركەردىسى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: _ پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، _ دېدى. ئېلىشا: _ قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇلارنى يىيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى.
- بۇ يەردە بىر كىچىك بالا بولۇپ، ئۇنىڭدا بەش ئارپا نان بىلەن ئىككى بېلىق بار. لېكىن، بۇنچىۋالا ئادەم ئۈچۈن بۇ نېمىگە يەتسۇن؟! - دېدى.
- مەن تېخى قىز تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ - دەپ سورىدى مەريەم پەرىشتىدىن.
- مەن قېرىپ قالدىم، ئايالىمنىڭ يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان تۇرسا، بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئۇنى نېمىدىن بىلەلەيمەن؟ - دەپ سورىدى زەكەرىيا پەرىشتىدىن.
شاگىرتلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن: - بۇنداق خىلۋەت بىر يەردە بۇنچىۋالا كىشىنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپقىلى بولسۇن؟ - دېيىشتى.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا: - ئۇلارغا ئۆزۈڭلار تاماق بېرىڭلار، - دېدى. شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسادىن: - يېرىم يىللىق كىرىمنى خەجلەپ، ئۇلارغا نان ئەكېلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرەمدۇق؟ - دەپ سورىدى.
ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا يىغلاپ: «گۆش تېپىپ بەرگىن!» دەپ يالۋۇرىدۇ. مەن شۇنچە خەلققە گۆشنى نەدىن تېپىپ بېرەلەيمەن؟
مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ مېنىڭ ئەتراپىمدىكى خەلقنىڭ ئەرلىرى ئالتە يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ. لېكىن سەن: «ئۇلارغا بىر ئاي يەتكۈدەك گۆش بېرىمەن» دېدىڭ.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم شۇنچىلىك چەكلىك دەپ ئويلامسەن؟ سەن سۆزلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ناھايىتى تېزلا كۆرىسەن! _ دېدى.