36 ئەھدە ساندۇقى ھەربىر توختىغاندا، مۇسا: «ئى پەرۋەردىگار، تۈمەن مىڭلىغان ئىسرائىللار ئىچىگە قايتىپ كەلگەيسەن» دەپ دۇئا قىلاتتى.
چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى كۆپەيتتى، سىلەر بۈگۈن خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپىيىپ كەتتىڭلار.
ئى پەرۋەردىگار، سەن نېمىشقا بىزنىڭ يولۇڭدىن ئېزىشىمىزغا يول قويىسەن، قەلبىمىزنى تاش قىلىپ، ساڭا ھۆرمەت قىلمىسۇن دەمسەن؟ ئۆتۈنەي، خىزمەتكارلىرىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان خەلقىڭ ئۈچۈن يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەيسەن.
ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي رىبەقا، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەنلەرنىڭ بولغايسەن ئانىسى، ئەۋلادلىرىڭ ئىگىلىگەي دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى!»
ئى پەرۋەردىگار، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا _ ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا. كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە.