35 ئەھدە ساندۇقىنى ھەر قېتىم يۆتكىگەندە، مۇسا: «ئى پەرۋەردىگار، قوزغالغايسەن! دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلغايسەن! سېنى يامان كۆرگۈچىلەر ئالدىڭدىن قېچىپ كەتسۇن» دەپ دۇئا قىلاتتى.
ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن. خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش، ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن! دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ! قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ!
ئى پەرۋەردىگار، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا _ ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا. كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە.
مەن پارقىراق قىلىچىمنى بىلەپ ئىتتىكلىتىمەن، ئۇنىڭ بىلەن ئادالەتنى ئورنىتىمەن. دۈشمەندىن قىساس ئالىمەن، ماڭا نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ نەپرىتىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرىمەن.
لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قىلغانلارغا كېچىكتۈرمەيلا جازا بېرىدۇ، ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ.
مەغلۇپ بولغان لەشكەرلەر بارگاھقا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى: _ نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولۇشىمىزغا يول قويدى؟ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شىلودىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەيلى، ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتقۇزىدۇ، _ دېدى.
ئى پەرۋەردىگار، ياردەم قىل، غالىب كەلمىسۇن رەزىللەر، ئالدىڭدا سوراق قىلىنسۇن يات ئەللەر.
رەزىللەردىن قوغدايدۇ مېنى كىم چىقىپ ئوتتۇرىغا؟ كىم تۇرار مەن تەرەپتە قارشى ھالدا يامانلارغا؟
ئى پەرۋەردىگار، سەندىن كېلەر نىجاتلىق، ئۆز خەلقىڭنى قىلغايسەن بەرىكەتلىك. سېلاھ