34 ئۇلار بىر قارارگاھتىن يەنە بىر قارارگاھقا كۆچكىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمىدى.
پەرۋەردىگار بۇلۇتنى سايىۋەن قىلدى، تۈندە ئۇلارغا ئوتنى نۇر قىلىپ بەردى.
شۇنداقتىمۇ سەن رەھىمدىللىكىڭ بىلەن ئۇلارنى چۆلدە تاشلىۋەتمىدىڭ. كۈندۈزى يول باشلىغان بۇلۇت تۈۋرۈكىنى ۋە كېچىسى يول كۆرسەتكەن ئوت تۈۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدىڭ.
كۈندۈزى ئۇلارغا بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يول باشلىدىڭ، كېچىسى يولىنى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يورۇتتۇڭ.
ئەھدە ساندۇقىنى ھەر قېتىم يۆتكىگەندە، مۇسا: «ئى پەرۋەردىگار، قوزغالغايسەن! دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلغايسەن! سېنى يامان كۆرگۈچىلەر ئالدىڭدىن قېچىپ كەتسۇن» دەپ دۇئا قىلاتتى.
ئۇلار پۈتۈن سەپىرى جەريانىدا، كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتىنى چېدىرنىڭ ئۈستىدە كۆرسە، كېچىسى بۇلۇت ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ئوتنى كۆردى.