28 ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇغاندىن كېيىن، مانا شۇ تەرتىپ بويىچە سەپ تارتىپ ماڭدى.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇردى، ھەرقايسىسى ئۆز ئۇرۇق-جەمەتلىرى بىلەن يولغا چىقتى.
چۈنكى، مەن سىلەر بىلەن بىر يەردە بولمىساممۇ، قەلبىم دائىم سىلەر بىلەن بىللە. سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇرسەن بولماقتىمەن.
لېكىن، ھەممە ئىش تەرتىپ-قائىدىلىك بولسۇن.
جەم بولۇپ ئىبادەت قىلغىنىڭلاردا، قالايمىقانچىلىق بولمىسۇن. چۈنكى، خۇدا قالايمىقانچىلىق سالغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچلىق بەرگۈچىدۇر. مەن بىلىدىغان ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەنە شۇنداقتۇر.
«كىمدۇر ئۇ تاڭ سەھەردەك پارلىغان، گۈزەل ئايدەك چاقنىغان، ئىللىق قۇياشتەك يورۇغان، يۇلتۇزلاردەك ھەيۋەت بولۇپ كۆرۈنگەن؟»
ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا نافتالى قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
مۇسا مىديانلاردىن بولغان قېيىنئاتىسى رىئۇئېلنىڭ ئوغلى خوبابقا: _ بىز پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارىمىز. ئۇ ئىسرائىللارنى روناق تاپقۇزۇشقا ۋەدە قىلدى. شۇڭا بىز بىلەن بىللە ماڭغايسىز. بىز ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمىز، _ دېدى.