Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 10:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ كۈمۈشتىن ئىككى كاناي ياساتقىن، كانايلار سوقۇپ ياسالسۇن. ئۇلارنى جامائەتنى يىغىش ۋە قارارگاھلارنى كۆچۈرۈشتە ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ئىشلەتكىن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 10:2
14 Referans Kwoze  

روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار، مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار. زېمىنىڭلاردىكى ئاقساقاللار ۋە بارلىق خەلقنى يىغىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پەرۋەردىگارغا يىغلاڭلار.


بۇنداق مەنىسىز ھەدىيەلەرنى ئەمدى ئەكەلمەڭلار! سىلەرنىڭ ئىسرىقىڭلارمۇ مەن ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر! سىلەر يېڭى ئاي، دەم ئېلىش كۈنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيتلارنى ئۆتكۈزىسىلەر، لېكىن گۇناھلىرىڭلاردىن بۇلغانغان بۇ ھېيتلىرىڭلاردىن بىزار بولدۇم.


يېڭى ئاي تۇغقاندا ۋە ئاي تولغاندا، بايرام قىلىپ بۇرغىلارنى چېلىڭلار.


رەببىمىز بىر، ئېتىقادىمىزمۇ بىر بولۇپ، ئوخشاش بىر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇرغا چالغىن! دۈشمەن مېنىڭ خەلقىمگە خۇددى بۈركۈتتەك ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى بۇ خەلق مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزۇپ، قانۇنلىرىمغا خىلاپلىق قىلدى.


تەنتەنە، ئالقىشلارنى قىلغان خەلق بەختلىك ھېسابلىنار، ياشار ئۇلار ھۇزۇرۇڭنىڭ نۇرىدا ئى پەرۋەردىگار.


ئاساف، ھېمان، يىدۇتۇن، ئوغۇللىرى ۋە تۇغقانلىرى، يەنى نەغمىچى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيىشىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىدە تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا جاڭ، چىلتار، لىرا بار ئىدى. 120 نەپەر كاناي چالىدىغان روھانىيلار ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى.


لېكىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن پۇللارغا ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈمۈش پىيالە، پىلىك قايچىسى، داس، كاناي ياكى ھەرقانداق ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار ياسىتىلماي،


جامائەتنى يىغىشقا توغرا كەلسە ئۇزۇن چېلىنسۇن، قىسقا چېلىنمىسۇن.


_ ئۇلار ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىسۇن. چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، تارماق شاخلىرى ۋە گۈل نۇسخىسىدىكى چىراغ تەكچىلىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلسۇن.


ئالتۇندىن ئىككى دانە «كېرۇب»نىڭ ھەيكىلى سوقۇلۇپ،


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەۋەرنى يەھۇدىيەگە ۋە يېرۇسالېم خەلقىگە ئۇقتۇرغىن: ‹پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چېلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا جاكارلاڭلار، خەلق يىغىلسۇن! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرسۇن!


سىئوندا بۇرغا چېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغىدىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار! زېمىندىكى بارلىق ئادەملەر تىترىسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە، ئاز قالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite