Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 1:50 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

50 ئۇلارنى ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جاھازلىرىنى، شۇنداقلا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا قوي. ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرىنى توشۇش ھەم قوغداش خىزمىتىنى قىلسۇن. ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 1:50
30 Referans Kwoze  

ئەھدە چېدىرى، يەنى ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە لاۋىيلار تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بولۇپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ سانىقىدىن ئۆتتى.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.


خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاش تاختىغا پەرزلەر خۇدا تەرىپىدىن ئۆز قولى بىلەن يېزىلغانىدى.


ئاندىن مەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، لاۋىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى پاكلاپ دەرۋازىلارغا قاراۋۇللۇق قىلىشىنى بۇيرۇدۇم. «ئى خۇدايىم، دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، يۈكسەك ۋە مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن!


ئاندىن مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تاياق بىلەن تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى سۇدىن ئىچىشتى.


كېلەر قوۋملار، پەرۋەردىگارنىڭ قوۋملىرى ئۇنىڭغا، كېلەر بېرىلگەن پەرمان بويىچە ئىسرائىلغا، شۈكۈر ئېيتىدۇ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا.


ئەلياشىب بۇرۇن توبىياغا ئىبادەتخانىغا قاراشلىق چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بەرگەنىدى. ئىلگىرى بۇ خانىدا ئاشلىق ھەدىيەلىرى، خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىناتتى. بۇ خانىدا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارغا ئاتالغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ھەم روھانىيلارغا ئاتالغان ھەدىيەلەرمۇ ساقلىناتتى.


زىرۇببابەل ۋە نەخەمىيا زامانىسىغا كەلگەندە، بارلىق ئىسرائىللار مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىنى تەمىنلەپ بەردى. لاۋىيلار روھانىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى بەردى.


ئەلياشىب، يويادا، يوخانان ۋە ياددۇئالار باش روھانىي بولغان مەزگىللەردە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ۋە پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رويخەتكە ئېلىنغانىدى.


لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا، بىننۇي، قادمىئېل، شېرېبىيا، يەھۇدا ۋە ماتتانيا. ماتتانيا ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە مىننەتدارلىق ناخشىلىرى ئېيتىشقا مەسئۇل ئىدى.


ئاندىن كېيىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار قارارگاھقا يېتىپ بارغۇچە، ئىبادەت چېدىرى تىكىلىپ بولغانىدى.


ئالدىنقى ئىككى قوشۇن بىلەن كېيىنكى ئىككى قوشۇن ئوتتۇرىسىدا لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىنى ئېلىپ ماڭسۇن. بارلىق قەبىلە ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇرغاندەك ئۆز ئورۇنلىرىدا ماڭسۇن.


لاۋىيلار چېدىرلىرىنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار چېدىرىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەھدە چېدىرىغا يېقىن بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئىسرائىللارنى خۇدانىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.»


ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ، يەنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆردۈم.


مۇسا تاياقلارنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى.


پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى: _ سىز نېمىشقا لاۋىيلارنى يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىن سېلىق يىغىشقا بۇيرۇمايسىز؟ ئىسرائىل خەلقىنىڭ سېلىق تاپشۇرۇشىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە بۇيرۇغانىدى. يىغىلغان سېلىقلارنى ئەھدە چېدىرى ئۈچۈن ئىشلىتەتتى.


ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئېلىڭلار.


مەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، ھەدىيە سۈپىتىدە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقدىم قىلدىم. ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەپ، خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلىشىپ قالسىمۇ، ئۇلارغا بالا-قازا كەلمەيدۇ.


مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن خەلق پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلىپ، لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.


ھەممە ئىشلار ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، خىزمىتىنى باشلىدى. ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرىسىدا مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى.


سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراشقا مەسئۇل بولىسىلەر. سىلەر ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىپ، ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپ قىلىشىمدىن ساقلىنىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite