22-23 شىمون قەبىلىسىدىن 59,300 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
شىمون ۋە ئۇنىڭ يىمۇئېل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، زوخار، شۇنداقلا كەنئانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،
يۈسۈپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ تاشلىدى. ئاندىن قايتىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شىموننى تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى باغلاتتى.
ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار ماڭا بۇ ئوغۇلنىمۇ بەردى، چۈنكى مېنىڭ ياخشى كۆرۈلمىگەنلىكىم ئۇنىڭغا يېتىپتۇ» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى شىمون [مەنىسى «ئۇ ئاڭلىدى»] دەپ قويدى.
ھەمدۇسانا ئوقۇلسۇن قورام تېشىم بولغان خۇداغا، ماھىر قىلار ئۇ مېنىڭ قوللىرىمنى جەڭ قىلىشقا.
شىمون قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، لاۋىي قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، ئىسساكار قەبىلىسىدىن 12000 كىشى،