19 پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، مۇسا سىناي چۆلىدە خەلقنى رويخەتكە ئالدى.
_ ھارۇن ئىككىڭلار پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ سانىنى ئېلىپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئېلىڭلار ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى تەۋە بولغان قوشۇنلىرى بويىچە رويخەتكە پۈتۈڭلار.
سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق يات خەلقلەرنى تىزىملاپ چىقتى، ئۇلار جەمئىي 153,600 ئادەم ئىدى.
مۇسا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇردى، ھەرقايسىسى ئۆز ئۇرۇق-جەمەتلىرى بىلەن يولغا چىقتى.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇردى.
يۇقىرىدىكىلەر مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە رويخەتكە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ سانى ئىدى.