Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 9:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، قادمىئېل، بانى، خاشابنىيا، شېرېبىيا، ھودىيا، شىبانيا ۋە پىتاخيالار خەلققە مۇنداق دېدى: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئەزەلدىن ئەبەدىيگىچە مەۋجۇد بولغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار!» ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى خۇدا، ئۇلۇغ نامىڭغا ھەمدۇسانا بولغاي! نامىڭ پۈتكۈل ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن يۈكسەكتۇر!

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 9:5
36 Referans Kwoze  

رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ئۇ بىزگە چەكسىز رەھىمدىللىك كۆرسىتىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغۇلدۇرۇپ، ئۆچمەس بىر ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.


چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.


شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن.


ئۇلار ئېيتىش ئېيتىشىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى ۋە مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر! ئىسرائىلىيەگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» ئاندىن بارلىق خەلق ئۈنلۈك ۋارقىرىشىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇشتى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قويۇلۇپ بولغانىدى.


ئى خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، سېنىڭ شەرەپلىك نامىڭنى ئۇلۇغلايمىز!


ئۆمۈرۋايەت مەدھىيەلەيمەن پەرۋەردىگارنى، جان تەندە بولسىلا كۈيلەيمەن خۇدايىمنى.


تەپەككۇر قىلىمەن شان-شۆھرىتىڭ ھەققىدە، چوڭقۇر ئويلايمەن مۆجىزىلىرىڭ ئۈستىدە.


ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ھەر كۈنى ساڭا، ئاپىرىن ئوقۇيمەن مەڭگۈ نامىڭغا.


ئەي پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلار، كېچىلەپ خۇدا ئۆيىدە ئىبادەتتە بولىدىغانلار، كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى تەرىپلەڭلار!


قۇدرىتىنى خۇدانىڭ كىممۇ تولۇق تەرىپلىيەلەر؟ كىم ئۇنىڭغا ئېيتالار مۇكەممەل مەدھىيەلەر؟


دېدىم مەن پەرۋەردىگارغا: «ئىگەمدۇرسەن، بەختىم يوقتۇر سەندىن باشقا.»


قوھات ۋە كوراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان لاۋىيلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مەدھىيەلەشتى.


يەھۇدىيە ئەرلىرى بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتى.


كېيىن داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە قاراپ: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى، ئاندىن پادىشاھقا تەزىم قىلدى.


ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر! ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر، سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!


ئى خۇدا، سەن راستتىنلا زېمىندا ياشامسەن؟ ساڭا ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا كىچىكلىك قىلغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانا كىچىكلىك قىلماسمۇ!؟


پادىشاھ سۇلايمان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ


ئاندىن سۇلايمان ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى:


مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن ھەممە قانۇنغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك نامىغا ھۆرمەت قىلىڭلار،


ئى پەرۋەردىگار، نەدە بار ئالەمدە سەندەك بىر ئىلاھ؟ كىمدە بار سەندىكىدەك ھەيۋەت، ئۇلۇغ شان-شەرەپ؟ قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كۆرسىتەلىسۇن مۆجىزە-كارامەت؟


ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەت تاپتى سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئى پەرۋەردىگار، شۇڭا سەن تارمار قىلدىڭ رەقىبىڭنى.


_ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى.


لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، بانى، قادمىئېل، شىبانيا، بۇننى، شېرېبىيا، بانى ۋە كىنانىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ياسالغان پەلەمپەيدە تۇرۇپ، پەرۋەردىگار خۇداغا ئۈنلۈك ئاۋازدا دۇئا قىلدى.


سەن بىردىنبىر پەرۋەردىگاردۇرسەن! سەن ئاسماننى، ھەتتا ئەرشئەلا ۋە پۈتۈن يۇلتۇزلارنى، زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتنى، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى ياراتتىڭ. سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتلارغا جان بەرگۈچىدۇرسەن. ئەرشئەلادىكى پەرىشتىلەر ساڭا ئىبادەت قىلىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاخقا: _ ئىسمىمنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟ ئىسمىمنى چۈشىنىشكە سېنىڭ ئەقلىڭ يەتمەيدۇ، _ دېدى.


مەدھىيەلەنگەي ئەبەدىلئەبەد، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار! ئاندىن كېيىن پۈتۈن خالايىقلار «ئامىن» دېيىشىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى.


«مەن بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن، يەنە يالىڭاچ كېتىمەن. پەرۋەردىگار ئۆزى بەرگەننى ئۆزى ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ھەمدۇسانا بولغاي!»


مۇقەددەستۇرسەن ئى پەرۋەردىگار، ھەيۋەتلىك، بۈيۈك نامىڭنى مەدھىيەلىسۇن ئۇلار.


مۇنداق دېدى: «مەدھىيەلەيمەن خۇدانىڭ نامىنى تائەبەد، مەڭگۈ ئۇنىڭغا ياردۇر ئەقىل ۋە قۇدرەت.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite