Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 9:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، بانى، قادمىئېل، شىبانيا، بۇننى، شېرېبىيا، بانى ۋە كىنانىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ياسالغان پەلەمپەيدە تۇرۇپ، پەرۋەردىگار خۇداغا ئۈنلۈك ئاۋازدا دۇئا قىلدى.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 9:4
13 Referans Kwoze  

ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرغان خەلققە يېشۇۋا، بانى، شېرېبىيا، يامىن، ئاققۇب، شاببىتاي، ھودىيا، مائاسېيا، قىلىتا، ئازاريا، يوزاباد، خانان ۋە پىلايا قاتارلىق لاۋىيلار قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بەردى.


لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا، بىننۇي، قادمىئېل، شېرېبىيا، يەھۇدا ۋە ماتتانيا. ماتتانيا ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە مىننەتدارلىق ناخشىلىرى ئېيتىشقا مەسئۇل ئىدى.


لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، قادمىئېل، بانى، خاشابنىيا، شېرېبىيا، ھودىيا، شىبانيا ۋە پىتاخيالار خەلققە مۇنداق دېدى: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئەزەلدىن ئەبەدىيگىچە مەۋجۇد بولغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار!» ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى خۇدا، ئۇلۇغ نامىڭغا ھەمدۇسانا بولغاي! نامىڭ پۈتكۈل ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن يۈكسەكتۇر!


قوھات ۋە كوراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان لاۋىيلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مەدھىيەلەشتى.


كېيىن، ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: - ئى رەببىم، بۇ گۇناھنى دەپ ئۇلارنى جازالىمىغايسەن، - دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزدى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى ئاۋازدا: - لازار، تاشقىرىغا چىق! - دەپ توۋلىدى.


قىلساممۇ گەر يىغلاپ نىدا، قۇلاق سالماس دۇئايىمغا.


پەرياد قىلدىم پەرۋەردىگار مۈشكۈللۈكتە، قۇلاق سالغىن ئىگەم مېنىڭ ئەرزىمگە. ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى، ياردەم تىلىگەن سادايىمنى.


كۆتۈرىمەن خۇداغا پەريادىمنى، مۇقەررەر ئاڭلار ئۇ مېنىڭ زارىمنى.


پەرياد قىلغانىدىم يۇقىرى ئاۋازدا پەرۋەردىگارغا، ئۇ جاۋاب بەردى مۇقەددەس سىئون تېغىدىن ماڭا. سېلاھ


بانىنىڭ ئوغلى رىخۇمنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان بىر توپ لاۋىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. ئاندىن قىيلاھ رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى خاشابيا ئۆز رايونىنىڭ نامىدىن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.


تەۋرات ئۇستازى ئەزرا بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان ئېگىز ياغاچ مۇنبەردە تۇردى. ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىن ماتتىتيا، شەما، ئانايا، ئۇرىيا، خىلقىيا، مائاسېيالار ۋە سول يېنىدىن پىدايا، مىشائېل، مالكىيا، خاشۇم، خاشباددانا، زىكىرىيا، مىشۇللاملار ئورۇن ئالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite