23 سەن ئۇلارغا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئەۋلاد بېرىپ، ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كەلدىڭ.
ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: _ ئاسمانغا قارا، يۇلتۇزلارنى سانىيالىساڭ ساناپ باق. سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە ئاشۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى.
داۋۇت ئىسرائىل خەلقىنى تىزىمغا ئالغاندا، 20 ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى.
شۇ يەردە ياشاپ تۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.
سەن ھازىر كەنئاندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسى بولىمەن!
دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىبرامغا ئەھدە قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ مەن مىسىر چېگراسىدىن تاكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن.
پەرۋەردىگار ئىبرامغا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا: _ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. شۇڭا ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە زاھىر بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى.
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار، سانىڭلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ناھايىتى ئاز قالىسىلەر.
شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ (يەنە بىر ئىسمى ياقۇپ) ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ، كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى ۋە مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى.
لېكىن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى قانچە ئەزگەنسېرى، ئۇلار شۇنچە كۆپىيىپ، مىسىرنىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ تارقالدى. شۇ سەۋەبتىن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن قورقۇپ،