Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 9:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 سەن ئەجدادلىرىمىزغا پادىشاھلىقلارنى ۋە ئەللەرنى تاپشۇردۇڭ. خەلقىڭنى ئۇ زېمىنلارنىڭ يىراق چېگرالىرىغىچە ئورۇنلاشتۇردۇڭ. ئۇلار سىخون پادىشاھنىڭ خەشبون شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ھەمدە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى باشاننى ئىشغال قىلدى.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 9:22
16 Referans Kwoze  

يات ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بەردى ئۇلارغا پەرۋەردىگار، باشقىلارنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر بولدى ئۇلار،


بۇ چاغ ئىگەم ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەم كەبى، شارابنىڭ كۈچى بىلەن روھلانغان باتۇر كەبى.


يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ۋە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.


ئامورلارنىڭ قالغان قوشۇنى بەيت-خورون شەھىرىگە يېقىن بولغان داۋان تەرەپكە قېچىپ بېرىپ، ئازېقا شەھىرىگە بارغۇچە، پەرۋەردىگار يول بويى ئاسماندىن شىددەتلىك مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمىنى يوقاتتى. شىددەتلىك مۆلدۈردە ئۆلگەنلەر ئىسرائىللارنىڭ قىلىچىدا ئۆلگەنلەردىنمۇ كۆپ بولدى.


مەن ئۇلارنى يوقىتاتتىم، ئۇلارنى ئالەم ئۇنتۇپ كېتەتتى.


بۇندىن ئىلگىرى مۇسا خەلقنى باشلاپ، خەشبوندىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، ئاندىن ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان باشان پادىشاھى ئوگنى ئەدرەئىدە مەغلۇپ قىلغانىدى.


مەن ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكنى، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخنى كۆرگەن ھامان، ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارنى قويۇپ، خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەرنى كۆيدۈرۈپ، شاراب سۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


ئەينى چاغدا ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بەيت-پىئورنىڭ قارشى تەرىپىدىكى جىلغىدا تۇراتتى. بۇ يەر ئەسلى خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامور خەلقىنىڭ پادىشاھى سىخونغا قاراشلىق ئىدى. مۇسا ئىسرائىللارنى باشلاپ مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىخوننى مەغلۇپ قىلىپ،


ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. سىخون بىلەن ئوگ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى ئىدى.


مەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىم ۋە ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن دۇنيانى، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى ۋە ھايۋاناتلارنى ياراتتىم. مەن ئۇلارنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن.


لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite