21 سەن ئۇلارنىڭ چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلىدا پۈتۈن ئېھتىياجىنى قاندۇردۇڭ، ئۇلار ھېچنېمىگە موھتاج بولمىدى، كىيىم-كېچەكلىرى يىرتىلمىدى ۋە پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەمىشە ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. سىلەر بىپايان چۆللۈكتىن ئۆتكىنىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدى، 40 يىلدىن بېرى سىلەر بىلەن بىرگە بولدى، ھېچنېمەڭلارنى كەم قىلمىدى›».
كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يىرتىق بولمىدى، پۇتۇڭلارمۇ ئىششىمىدى.
ئۇسسۇز ۋە ئاچ قېلىشى مۇمكىن كۈچلۈك ئارسلانلار، ئەمما قالماس ھېچ موھتاجلىقتا پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانلار.
چۆلدە ئۇلارغا تەخمىنەن قىرىق يىل غەمخورلۇق قىلدى.
ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەر چۆل-باياۋاندا ياشىغان قىرىق يىل جەريانىدا، راست ماڭىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇندۇڭلارمۇ؟
قىرىق يىلدىن بېرى مەن سىلەرنى چۆلدە باشلاپ يۈرۈۋاتىمەن، كىيىمىڭلار يىرتىلىپ، ئايىغىڭلار تېشىلىپ باقمىدى.
سىلەر چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قىرىق يىل ئىچىدە، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى قانداق يېتەكلىگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ نىيىتىڭلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا قويۇپ سىنىدى،
ئىسرائىللار تاكى ئادەم ئولتۇراقلاشقىلى بولىدىغان يەرگە، يەنى كەنئان زېمىنىغا بارغۇچە، جەمئىي قىرىق يىل ماننا يېدى.