Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 9:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ئۇلارنىڭ قارنى ئاچقاندا ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بەردىڭ، ئۇسسىغاندا قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ. سەن ئۇلارنىڭ ئۆزۈڭ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بېرىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى بۇيرۇدۇڭ.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 9:15
23 Referans Kwoze  

ئۇ زېمىنلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدىم، بېرىپ ئىگىلەڭلار. ئۇ يەرلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن دەپ، ۋەدە قىلغانىدىم.»


مەن سىناي تېغىدىكى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن. سەن قورام تاشنى ئۇرغىن، سىلەرگە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلغانىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مەن ئاسماندىن يېمەكلىك ياغدۇرىمەن. ئىسرائىللار ھەر كۈنى چىقىپ، شۇ كۈنلۈك ئوزۇقىنى يىغىۋالسۇن. مەن ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى مۇشۇ ئارقىلىق سىنايمەن.


ۋاھالەنكى، مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا ئاتا قىلماقچى بولغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا باشلاپ كىرمەسلىككە قەسەم قىلدىم.


ئۇ تاشنى كۆلچەككە ئايلاندۇردى، ئۇيۇل تاشتىن بۇلاقنى پەيدا قىلدى.


ئاچ قويۇپ قىيىنچىلىق سالدى، ئاندىن سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار كۆرۈپ باقمىغان ماننانى رىزىق قىلىپ بەردى. ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


سەن ئۇلارغا تەلىم بېرىش ئۈچۈن ياخشى روھىڭنى ئاتا قىلدىڭ. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ماننانى ئۈزمىدىڭ ۋە ئۇسسۇزلۇقىغا سۇ بەردىڭ.


قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلدى، سىلەر ئۇنىڭ ئەمرى بويىچە بۇ يەرنى ئىگىلەڭلار، قورقماڭلار، بوشىشىپ قالماڭلار!» دېدىم.


مەن سىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىڭلار ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىنغا سىلەرنى كىرگۈزمەيمەن. پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۇ زېمىنغا كىرەلەيدۇ.


ئىبرام ئۇنىڭغا: _ پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان پەرۋەردىگار، يەنى ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،


مەن سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن ۋە ئۇ يەرنى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»


لېكىن خەلق ئىنتايىن ئۇسساپ كەتكەچكە، مۇساغا داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ بىزنى نېمە ئۈچۈن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ؟ سەن بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ _ دېدى.


پەرۋەردىگار خەلقىمنى قۇملۇقلاردىن ئېلىپ ماڭغاندا، ئۇلار ئۇسسۇلۇقتىن قىينالمىدى. چۈنكى خۇدا تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى، خۇدا تاشنى يارغانىدى، ئۇ يەردىن بۇلاق سۇلىرى ئېتىلىپ چىقتى.


لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite