Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 9:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 سەن پىرئەۋن، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىڭنى خارلىغىنىنى بىلدىڭ. شۇڭا نامىڭ بۈگۈنگىچە مەشھۇردۇر.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 9:10
32 Referans Kwoze  

ئى ئىگىمىز خۇدا، سەن ئۆز خەلقىڭنى قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ. شۇڭا سېنىڭ قۇدرىتىڭ بۈگۈنگە قەدەر تىلغا ئېلىنار. بىز گۇناھ قىلدۇق ۋە خاتالاشتۇق.


ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سەن مىسىردا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنىدىڭ. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سەن ئىسرائىلىيە ۋە باشقا پۈتكۈل ئەللەرنىڭ ئارىسىدا توختىماي مۆجىزە، ئاجايىپ كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ كەلدىڭ. شۇڭا نامىڭ بۈگۈنگىچە مەشھۇردۇر.


كالىلار تىنچ جىلغىدا ئوتلىغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۆز خەلقىگە ئاراملىق بەرگەنىدى، پەرۋەردىگار خەلقىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەنىدى.»


قۇدرەتلىك قول مۇسانىڭ ئوڭ يېنىدا ھەرىكەت قىلاتتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدىكى دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە ئايرىپ، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك نامىنى قالدۇرغانىدى.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.


مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئىلاھلاردىن ئۇلۇغلۇقىنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى خارلىغاندا، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىپتۇ، _ دېدى.


پىرئەۋن ئۇلارغا: _ مېنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بەرگۈزگۈدەك قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن. ئىسرائىللارنىمۇ قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى.


ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.»


خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا مىسىرنىڭ پادىشاھىغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت، پەقەت سېنىڭ ئۈستۈڭدە كۈچۈمنى ئايان قىلىپ، نامىمنى پۈتۈن يەر-زېمىنغا تارقىتىشتۇر.»


ئەنە شۇ مۇسا پەيغەمبەر خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغانىدى ھەمدە مىسىردا قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن شۇ چۆللەردە غايەت زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنىدى.


سىلى ھاكاۋۇرلىشىپ، ئەرشتىكى ئىگىمىزگە قارشى ئىش قىلدىلا. ئىگىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەۋە بولغان قەدەھلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە ئۇلاردا شاراب ئىچىشتىلە. سىلى يەنە ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدىغان، ئاڭلىيالمايدىغان، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلىدىلە. ئەمما سىلىگە ھايات بەرگۈچى ۋە ھايات يوللىرىنى بەلگىلىگۈچى خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.


ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ، يەنى خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ۋە ئادالەتلىكتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر.


لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇ خەلقلەر مېنىڭ ئىسرائىللار ئالدىدا ئايان بولغانلىقىمنى ۋە ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلەتتى.


ئۇلار بىلسۇنكى، پەقەت پەرۋەردىگار پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك تۇرار.


ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى: _ مەن سېنى پىرئەۋن ئالدىدا خۇددى مەن خۇدادەك قۇدرەتلىك قىلىمەن. ئاكاڭ ھارۇن سېنىڭ سۆزلىرىڭنى بىر پەيغەمبەر خەلققە يەتكۈزگەندەك پىرئەۋنگە يەتكۈزىدۇ.


شۇڭا مەن مىسىرلىقلارغا ئۆز قولۇم بىلەن ھەر خىل كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى جازالايمەن. شۇنىڭ بىلەن مىسىر پادىشاھى سىلەرنى مىسىردىن كېتىشىڭلارغا يول قويىدۇ.


بىراق مەن ئۇنداق قىلمىدىم. ئەكسىچە، قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش ۋە نامىمنى ئالەمگە نامايان قىلىش مەقسىتى بىلەن سېنى پىرئەۋن قىلىپ تىكلىدىم.


لېكىن ئەجدادلىرىمىز تەكەببۇرلۇق ۋە بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلمىدى.


سەن ئۇلارنى قايتىدىن قانۇنۇڭغا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلدىڭ. لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، بەلگىلىمىلىرىڭگە رىئايە قىلمىدى. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلغان بولسا ئىدى، ھايات يولىنى تاپقان بولاتتى. ئۇلار تەرسالىق بىلەن بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ساڭا ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى.


سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قانداق ئېغىر ئاپەتلەرنى چۈشۈرگەنلىكىنى، ئاجايىپ مۆجىزىلىرىنى، كارامەتلىرىنى ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مىسىرغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەر قورقىۋاتقان بارلىق يات ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.


سىلەر نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى بىلمىدىڭلار. قۇلاقلىرىڭلار ئوچۇق تۇرۇپ، ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىڭلار.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite