Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 9:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئوخشاش ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسرائىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، روزا تۇتتى. ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 9:1
22 Referans Kwoze  

شۇڭا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى روھانىي ئەزرا ئۇنى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بارلىق چۈشىنەلەيدىغان بالىلار جەم بولغان جامائەت ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.


شۇڭا بىز روزا تۇتۇپ، خۇدانىڭ بىزنى قوغدىشىغا دۇئا قىلدۇق. خۇدا دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى.


يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. ئۇلار گۇگۇم چۈشكۈچە شۇنداق قىلدى.


بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم جەڭگاھتىن قېچىپ، شۇ كۈنىلا شىلوغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتقان، ئۈستى-بېشىغا توپا چاشقانىدى.


شۇ چاغدا ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار! چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دېگەن.


ئۇلار يىراقتىن ئايۇپنىڭ تونۇغۇسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپلا، ئۈن سېلىپ يىغلاشتى. كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ئۈستباشلىرىغا توپا چېچىشتى.


_ سىز بېرىپ، سۇزا قەلئەسىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغىڭ. سىلەر مەن ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ نەرسە يېمەي ۋە ئىچمەي، روزا تۇتۇڭلار. مەنمۇ كېنىزەكلىرىم بىلەن شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن مەن قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلسەممۇ مەيلى.


پادىشاھنىڭ پەرمانى قايسى ئۆلكىگە يېتىپ كەلسە، ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلار قايغۇرۇپ، نالە-پەرياد ئۇرۇشتى. ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، ھازا تۇتۇشتى، نۇرغۇن كىشىلەر ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ يېتىشتى.


قورقۇپ كەتكەن يىھوشافات پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلەشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ پۈتۈن يەھۇدىيە دائىرىسىدە روزا تۇتۇشنى جاكارلىدى.


شۇ كۈنى، يەنى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سۇلايمان جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت، سۇلايمان ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن شاپائىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى.


ئۈچىنچى كۈنى سائۇلنىڭ بارگاھىدىن بىر ياش يىگىت كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قوشۇنى بەيتەلگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ نالە-زار قىلدى ۋە كەچكىچە روزا تۇتۇشتى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى.


سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلۇڭلارنى ۋە مېۋىلىرىڭلارنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇدا يەتتە كۈن ماڭا ئاتاپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى ۋە سەككىزىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار.


_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا يەتتە كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن. ئۇلار قارىلىق كىيىم كىيىپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى بېكىتىلگەن ئەنە شۇ 1260 كۈندە يەتكۈزىدۇ.»


شۇنداق قىلىپ پۈتۈن خەلق مىزپاھ شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، پەرۋەردىگارىغا ئاتاپ تۆكۈشتى ۋە كۈنبويى روزا تۇتۇپ، «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدۇق» دەپ ئىقرار قىلىشتى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى مىزپاھ شەھىرىدە باشلىدى.


ئاخاۋا قانىلىنىڭ بويىدا مەن جامائەتكە روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەمتەر بولۇشىمىزنى، سەپەر جەريانىدا ئۆزىمىز، بالىلىرىمىز ۋە بارلىق مال-مۈلكىمىزنىڭ بىخەتەر بولۇشىنى خۇدادىن تىلىدىم.


پەرۋەردىگار: «ھازىرمۇ روزا تۇتۇڭلار، يىغلاڭلار، ھازا ئېچىڭلار، پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن يولۇمغا قايتىڭلار» دەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite