نەخەمىيا 8:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 ئۇ پەرۋەردىگار بولغان ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلىگەندە، پۈتۈن جامائەت قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى. كېيىن ئۇلار تىزلىنىپ، باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ سەجدە قىلىشتى. Gade chapit la |
سىلەر: «بۇ ئۆتۈپ كېتىش كۈنىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىق مۇراسىمىدۇر. چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىردا مىسىرلىقلارنىڭ جېنىنى ئالغان كېچىدە، ئۇ بىز ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئائىلىلىرىمىزنى ساقلاپ قالغانىدى» دەڭلار. ئىسرائىللار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.