نەخەمىيا 8:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 ئۇ تاڭ سەھەردىن چۈشكىچە سۇ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىكى مەيداندا قانۇننى چۈشىنەلەيدىغان ھەرقانداق كىشىگە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى. بارلىق خەلق دىققەت بىلەن ئاڭلىدى. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بەلگىلىدى. ئۇ كۈنى، پاۋلۇسنىڭ تۇرغان يېرىگە تېخىمۇ كۆپ كىشى كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيلار كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى.
يېرۇسالېم خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، چۈشەنمەيتتى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق دېيىشى بىلەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرى ئەمەلگە ئاشتى.