12 جامائەت ئوقۇلغان مەزمۇننى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆيلىرىگە قايتىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە زىياپەت داستىخىنىدىن غىزالاندى ۋە ئۆزىدە بارىنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتى.
نىجاتلىقىڭغا تەشنامەن پەرۋەردىگار، تەلىمىڭدىن قەلبىم مېنىڭ شادلىققا تولار.
ئۇلار بىر-بىرىگە: - ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشەندۈرگەندە، قەلبىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! - دېيىشتى.
لەۋلىرىمدىن ئۇرغۇپ چىقار ھەمدۇسانا، چۈنكى سەن ئەمرلىرىڭنى ئۆگەتتىڭ ماڭا.
كالامىڭنىڭ مەنىسى يېشىلگەندە، نۇر چاچار يولىمىزغا، ئەقىل-ئىدراك بېرەر ئۇ ساددا ئىنسانلارغا.
بەرھەق، ئالتۇندىن ئەلا بىلىمەن ئەمرلىرىڭنى، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۇلارنى.
مەڭگۈلۈك مىراستۇر ماڭا پەرزلىرىڭ، شۈبھىسىزكى، شادلىقىدۇر ئۇلار قەلبىمنىڭ.
شۇ قەدەر سۆيىمەن تەلىملىرىڭنى، ياد ئېتىمەن كۈنبويى ئۇلارنى.
ئېيتقان تەلىملىرىڭنى بىلىمەن ئەلا، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ھەتتا.
سۆيۈندۈردى نىزامىڭ مېنى، ئۇنتۇمايمەن كالامىڭنى.
ئادەملەر خۇرسەن بولغاندەك بايلىقلىرىدىن، شادلىنىمەن ئۆزۈم پەرزلىرىڭدىن.
ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەتنىمىدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قەدىرلىشىم يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى قەدىرلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.
ئىچىمدە، يەنى گۇناھكار تەبىئىتىمدە ياخشىلىقنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن. چۈنكى، ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئىقتىدارىم يوق.
ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، سەن ماڭا گەپ قىلساڭ، مەن گېپىڭنى يېدىم، قەلبىم خۇشاللىق ۋە بەختگە تولدى. چۈنكى مەن ساڭا مەنسۇپمەن،
يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خۇشاللىققا چۆمۈپ، ھېيت-بايرام ئۆتكۈزىدۇ، بىر-بىرىگە ھەدىيىلەر ئەۋەتىشىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانلىرىغا تىكەندەك سانجىلىپ، ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنىدى.
ئەمدى كۆپچىلىك قايتىپ زىياپەت تەييارلاڭلار. ئېسىل تائام ۋە شېرىن ئىچىملىكلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار. ئۇلارنى ھېچنېمە ھازىرلىيالمىغانلار بىلەن بۆلۈپ يەڭلار. بۈگۈن خۇدايىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر، قايغۇرماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن شاد-خۇراملىقىمىز بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىزدۇر! _ دېدى.
لاۋىيلار جامائەتنى تىنچلاندۇرۇپ: _ بۈگۈن مۇقەددەس كۈندۇر! قايغۇرۇشنى توختىتىڭلار! _ دېدى.
ئەتىسى ھەر قايسى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىملىرىنى ئوبدانراق بىلىۋېلىش ئۈچۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار بىلەن بىرگە تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ يېنىغا باردى.
بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈنلەردۇر. بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئايدۇر. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ بۇ كۈنلەردە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشىنى، بىر-بىرىگە، شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى.
ئۇ كۈنى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شاد-خۇراملىق بىلەن غىزالاندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سۇلايمان ۋە زادوقنىڭ باشلىرىغا ياغ قۇيۇپ، يەنە بىر قېتىم سۇلايماننى پادىشاھ، زادوقنى روھانىي دەپ جاكارلاشتى.