Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 6:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 مەن ئۇنىڭغا: «ئۇنداق ئىش يوق، بۇنى ئۆزىڭىز ئويدۇرۇپ چىقارغان!» دەپ جاۋاب يوللىدىم.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 6:8
12 Referans Kwoze  

تىلىڭ ئىتتىك، ئوخشار ئۆتكۈر ئۇستىرىغا، ئۇ ئىستەر ۋەيران قىلىشنى، ماھىردۇر يالغانچىلىققا.


لېكىن سىلەر ساختىپەز، داۋاسىز تېۋىپسىلەر.


- بولمايدۇ! - دەپ جاۋاب بەردى پاۋلۇس، - مەن ھازىر رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ ھوقۇقى بىلەن تەيىنلەنگەن سوراقچى ئالدىدا تۇرىمەن. مېنى سوراق قىلىشقا تېگىشلىك يەر مانا مۇشۇ. ئۆزىڭىزگە مەلۇم، مەن يەھۇدىيلارغا قارشى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم.


پاۋلۇس كىرگەندىن كېيىن، يېرۇسالېمدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. بىراق، ھېچقايسىسىغا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى.


ئاتاڭلار شەيتان بولغاچقا، سىلەرمۇ ئۇنىڭ ھەۋەسلىرى بويىچە ئىش قىلىسىلەر. ئۇ ئەزەلدىن قاتىل ھەم ھەقىقەتتە تۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. يالغان سۆزلەش ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر.


ئەي زەھەرلىك يىلانلار! سىلەر يامان تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى گەپ چىقسۇن؟ چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.


كېيىن بۇ ئىككى پادىشاھ بىر داستىخاندا تاماققا داخىل بولىدۇ. لېكىن ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى ئالدايدىغان يامان نىيەتلەردە بولىدۇ. ئەمما ئاقىۋىتى خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.


ھېچكىم دۇرۇس نىيەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ، ھەم ھېچكىم سەمىمىيەت بىلەن ئاقلىمايدۇ، ئەكسىچە ئويدۇرمىغا تايىنىپ، يالغان سۆزلەيدۇ، يامانلىققا ھامىلىدار بولۇپ، گۇناھ تۇغىدۇ.


تۇزاق قۇرار جېنىمغا قەست قىلماقچى بولغانلار، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلماق ئۈچۈن مەسلىھەت قۇرار. ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەست ئويلار كۈنبويى ئۇلار.


ھىيلە-مىكىر، زەھەر چىقار ئېغىزلىرىدىن، باش تارتىدۇ ئاقىلانە، ياخشى ئىشلاردىن.


شۇڭا سىز پەيغەمبەرلەر تىكلەپ، ئۇلار ئارقىلىق يېرۇسالېمدا ئۆزىڭىزنى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى دەپ جاكارلاتقۇدەكسىز. بۇ ئىش جەزمەن پېرسىيە پادىشاھىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. شۇڭا سىز كېلىپ، مەن بىلەن بۇ توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite