Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 6:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 شۇڭا سىز پەيغەمبەرلەر تىكلەپ، ئۇلار ئارقىلىق يېرۇسالېمدا ئۆزىڭىزنى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى دەپ جاكارلاتقۇدەكسىز. بۇ ئىش جەزمەن پېرسىيە پادىشاھىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. شۇڭا سىز كېلىپ، مەن بىلەن بۇ توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.»

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 6:7
10 Referans Kwoze  

ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشمە پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىشنى رىم قوماندانىدىن تەلەپ قىلىڭلار. بىز تەييار تۇرۇپ، ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىنىشتىن ئىلگىرىلا جايلىۋېتىمىز، - دېدى.


ئۇ يەردە روھانىي زادوق ۋە ناتان پەيغەمبەر ئىككىڭلار سۇلايماننىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى تەيىنلەپ، بۇرغا چېلىپ: «ياشىسۇن پادىشاھ سۇلايمان!» دەپ توۋلاڭلار.


بۈگۈن ئادونىيا نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى، سەركەردىلەرنى ۋە روھانىي ئەبىياتارنى چاقىرىپتۇ. ئۇلار: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» دەپ توۋلىشىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا يەپ-ئىچىشىۋېتىپتۇ.


ئەمما ھازىر ئادونىيا پادىشاھ بولۇۋالدى! ئى ئالىيلىرى، سىلى بۇنىڭدىن تېخى خەۋەرسىز.


ئادونىيا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى بولغان زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب ۋە روھانىي ئەبىياتار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.


خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «سىز باشلىق يەھۇدىيلارنىڭ ئىسيان كۆتەرمەكچى بولغانلىقىڭلار ھەققىدە خەلق ئارىسىدا گەپ تارقىلىپتۇ، گەشەممۇ شۇنداق دەيدۇ. شۇڭا سىلەر سېپىلنى قۇرۇۋېتىپسىلەر. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىز ئۇلارغا پادىشاھ بولماقچىكەنسىز.


مەن ئۇنىڭغا: «ئۇنداق ئىش يوق، بۇنى ئۆزىڭىز ئويدۇرۇپ چىقارغان!» دەپ جاۋاب يوللىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite