Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 6:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 بىر كۈنى مەن مىھېتابىئېلنىڭ نەۋرىسى، يەنى دىلايانىڭ ئوغلى شىمايانىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ دائىم ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ، سىرتقا چىقمايتتى. ئۇ ماڭا: _ بىز ئىبادەتخانا ئىچىدە كۆرۈشەيلى، ئىشىكنى تاقىۋالايلى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن كەچ كېلىپ، سىزنى ئۆلتۈرمەكچى! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 6:10
21 Referans Kwoze  

يەرەمىيا بارۇكقا مۇنداق دېدى: _ مېنىڭ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىشىم مەنئى قىلىندى.


شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر تەۋرەپ كەتتى. تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كەلگەن خالايىق پاۋلۇسنى تۇتۇپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئىبادەتخانىدا قالايمىقانچىلىق چىقمىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى دەرھال تاقىۋەتتى.


كىمدەكىم يامانلىق قىلسا، نۇرغا ئۆچ بولىدۇ ۋە قىلغان-ئەتكەنلىرىم ئاشكارا بولۇپ قالمىسۇن دەپ، نۇردىن قاچىدۇ.


- ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاراڭلاردىن بىرىڭلار ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېتسەڭلار بولاتتى. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا ئوت يېقىپ، ئەرزىمەس قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ ئولتۇرمايتتىڭلار. مەن سىلەردىن رازى ئەمەسمەن. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن قۇربانلىق قوبۇل قىلمايمەن.


بۇ چاغدا روھ ئىچىمگە كىرىپ، مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئۆيۈڭگە كېتىپ، ئۆزۈڭنى ئۆيۈڭگە سولا.


خۇداسىزلار يېقىنىنى تىلى بىلەن ھالاك قىلار، ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار.


رەزىللەر قەست قىلىدۇ ھەققانىيلارغا، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ئۆچ بولۇپ ئۇلارغا.


يالغان سۆزلەر ئادەملەر بىر-بىرىگە، ئاغزى سىلىق بولسىمۇ راستچىللىق يوق قەلبىدە.


مەن شىمايانى خۇدانىڭ ئەۋەتمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ماڭا پەيغەمبەرچە ئېيتقان سۆزىنىڭ خۇدادىن كەلمىگەنلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ توبىيا بىلەن سانباللاتقا سېتىلىپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.


خارىم جەمەتىدىن ئەلىئەزەر، يىششىيا، مالكىيا، شىمايا، شىمون،


شۇڭا يېتەكچىلەردىن ئەلىئەزەر، ئارىئېل، شىمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملارنى ھەم ئاقىلانە ئۇستازلاردىن يويارىب ۋە ئەلناتانلارنى چاقىرىپ،


ئىبادەتخانىدىكى چىراغلارنى ئۆچۈرۈپ، ئىشىكىنى پېچەتلىدى. ئىبادەتخانىدا ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ئاتاپ ئىسرىق سالمايدىغان، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايدىغان بولدى.


خىزكىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ئوڭشاتتى.


شۇنىڭ بىلەن ئاخاز خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ بۇزۇۋەتتى ۋە ئىبادەتخانىنى تاقىۋەتتى. يېرۇسالېم كوچىلىرىنىڭ دوقمۇشلىرىغا غەيرىي ئىلاھلار ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى.


ئاتاليا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، يوئاش بىلەن ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى.


ئاخابنىڭ پۈتۈن جەمەتى يوقىلىدۇ. مەن ئىسرائىللاردىن ئاخابقا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن.


ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنىڭ ئۈچ تەرىپىگە يانداشتۇرۇپ، يان خانىلار سېلىندى.


ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ھاداد چىقتى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى مىھېتابىئېل ماترېدنىڭ قىزى بولۇپ، بوۋىسىنىڭ ئىسمى مىزاھاب ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite