9 مەن يەنە: _ قىلغىنىڭلار ھەقىقەتەن توغرا بولماپتۇ! سىلەر نېمىشقا خۇدادىن قورقماي، يات خەلقتىن بولغان رەقىبلىرىمىزنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىسىلەر؟
ئۇلاردىن جازانە ئالماڭلار. مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، ئىسرائىل قېرىندىشىڭلار ئاراڭلاردا ياشاپ قالسۇن.
ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.
_ ئەمما سەن بۇ ئىشنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلۇڭ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىغا ماھىر بولۇش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشلارنى ئۆگىتەلەيدىغان بولسۇن. ياش ئاياللار شۇنداق ياشىسا، خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نەسىھەت قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىلاردا ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ.
خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا.»
ئۇ چاغدا، يەھۇدىيە، جەلىلىيە ۋە سامارىيىلەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىر مەزگىل تىنچلىققا ئېرىشتى. مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىقادى كۈچىيىپ، ھەمىشە ئىخلاسمەنلىك بىلەن خۇدا يولىدا ماڭدى. ئۇلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.
ئۇلار نەگىلا بارمىسۇن ئەللەر ئارىسىدا مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغاپ بولدى، چۈنكى ئۇلار يات خەلقلەرنىڭ: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئىدىغۇ؟! ئەمدى ئۇلار زېمىنىدىن قوغلىنىپتۇ» دېيىشىگە سەۋەب بولدى.
بۇلارمۇ دانالارنىڭ سۆزلىرىدۇر: ھۆكۈمدە بىر تەرەپكە يان بېسىش ياماندۇر.
بىلمەي تۇرۇپ قىزغىنلىق قىلىش ياخشى ئەمەس، ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئىش قىلغان نىشانغا يەتمەس.
يامانغا يان بېسىپ ھۆكۈمدە، ھەققانىينى ناھەقچىلىققا ئۇچرىتىش ناتوغرا ئەلۋەتتە.
ناتوغرىدۇر ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇش، ئادالەتنى قوللىغىنى ئۈچۈن ئەمەلدارلارنى ئۇرۇش.
ئېزىقتۇرار زوراۋان كىشى ئۆز يېقىنىنى، باشلار يامان يولدا مېڭىشقا ئۇنى.
بۇرۇنقى باشلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلققە ئالۋان-سېلىق سالغانىدى. ئۇلار خەلقتىن يېمەكلىك، شاراب ۋە قىرىق كۈمۈش تەڭگە ئالاتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلققە زۇلۇم سالغانىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، چۈنكى مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئىدىم.
مەن مۇنداق دۇئا قىلدىم: «ئى خۇدايىمىز، ئۇلارنىڭ بىزنى مەسخىرە قىلىشلىرىغا قۇلاق سالغايسەن! ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن! ئۇلارنى سۈرگۈن قىلىپ، تالان-تاراجغا قويغايسەن.
ئەي ئوغۇللىرىم، بۇنداق قىلماڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئارىسىدا يامان نامىڭلارنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم!
ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا: _ مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەممەن. ئەگەر سىلەر مېنىڭ شەرتىمنى قوبۇل قىلساڭلار، بىر قوشۇق قېنىڭلاردىن كېچىمەن.
ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مەن بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنى خۇدادىن قورقمايدۇ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئايالىمنى بۇلاپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم.
قېرىنداشلىرىم، خىزمەتكارلىرىم، ھەتتا مەنمۇ خەلققە پۇل ۋە ئاشلىق قەرز بېرىپتۇق. ئەمدى بىز ئۆسۈم ئېلىشنى توختىتايلى!
غەزىپىڭنىڭ قۇدرىتىنى كىم ئويلاپ يېتەر؟ قەھرىڭگە لايىق كىم سەندىن ئەيمىنەر؟