2 بەزىلەر: «بىز كۆپ جانلىق، بىزگە جېنىمىزنى ساقلاپ قالغۇدەك يېمەك-ئىچمەك كېرەك!» دېيىشسە،
يەھۇدا ئاتىسىغا: _ بىنيامىننى ماڭا تاپشۇرۇڭ. بىز دەرھال يولغا چىقايلى. شۇنداق قىلىپ، بىز، سىز ۋە بالىلىرىمىز ئاچارچىلىقتىن ئامان قالايلى، ئۆلۈپ كەتمەيلى!
ئاڭلىشىمچە مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمەيلى. ئۇ يەرگە بېرىپ، بىرئاز ئاشلىق سېتىۋېلىپ ئەكېلىڭلار، _ دېدى.
ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرمۇ كېلىشىپ، يۈسۈپتىن ئاشلىق سېتىۋالدى. چۈنكى ھەممە يەردە ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.
سىلەر قېرىندىشىڭلارغا قەرز بەرگەن پۇل، ئاشلىق ياكى باشقا ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئۆسۈم ئالماڭلار.
پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكى بىر كىشىنىڭ ئايالى ئېلىشانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ تەقسىر، ئېرىم ئۆلۈپ كەتتى. سىلىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى. ئۇنىڭغا قەرز بەرگۈچى ئەمدىلىكتە ئىككى ئوغلۇمنى قۇللۇققا ئېلىپ كەتكىلى كەپتۇ، _ دېدى.
بەزىلەر: «بىز ئاچارچىلىق مەزگىلىدە ئاچ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئېتىزىمىز، ئۆزۈمزارلىقىمىز ۋە ئۆيلىرىمىزنى گۆرۈگە قويدۇق» دېيىشتى.
سىلەر كۆپ تېرىيسىلەر، لېكىن ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر. يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا چاڭقاپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن ئىسسىمايسىلەر. ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سېلىنغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ.
كۆز ئالدىلىرىدا ئۆلۈپ كەتمەيلى، يەرلىرىمىزمۇ ئاق تاشلىنىپ قالمىسۇن. بىزمۇ، يېرىمىزمۇ پىرئەۋنگە تەۋە بولسۇن، بىزگە ئاشلىق بەرگەيلا. بىز پىرئەۋننىڭ قۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ دېھقانچىلىقىنى قىلايلى. ھايات قېلىشىمىز ۋە يەرلەرنىڭ ئاق تاشلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇقلۇق بەرگەيلا! _ دەپ تەلەپ قىلىشتى.