Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 5:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 سىلەرگە گۆرۈگە قويۇلغان ئېتىز، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنلۇق ۋە ئۆيلەرنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار! پۇل، ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى قەرز بېرىپ ئالغان ئۆسۈملىرىڭلارنى ياندۇرۇپ بېرىڭلار! _ دېدىم.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 5:11
9 Referans Kwoze  

مېنى خۇرسەن قىلىدىغان روزا، رەزىللىكنىڭ ئارغامچىسىنى بوشىتىش بولماستىن، ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ، بويۇنتۇرۇقنىڭ تانىسىنى يېشىپ تاشلاش، بارلىق بويۇنتۇرۇقلارنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟


ئەگەر «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزۈڭلارچە «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.


باغرى تاشلىق قىلىپ، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم كەمبەغەلگە تۆت پاقلان تۆلىشى لازىمدۇر، _ دېدى.


قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. سىلەر بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭا قارشى ئەرزىڭلار بولسا ئېيتىڭلار. مەن كىمنىڭ ئۆكۈزىنى تارتىۋالدىم، كىمنىڭ ئېشىكىنى بۇلىۋالدىم، كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم، كىمگە زۇلۇم سالدىم، كىمنىڭ قولىدىن پارا ئالغانلىقىم سەۋەبلىك كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، خاتالىقىمنى تۈزىتەي!


ئۇ يەردىكى ئۆيلەردە تولۇپ تۇرغان گۈزەل نەرسىلەرنى سىلەر توپلىمىغان، قۇدۇقلارنى سىلەر قازمىغان، ئۈزۈمزارلىق ۋە زەيتۇنلۇقلارنى سىلەر بەرپا قىلمىغان. شۇڭا سىلەر ئۇ يەردە يەپ-ئىچىپ تويغاندىن كېيىن،


قېرىنداشلىرىم، خىزمەتكارلىرىم، ھەتتا مەنمۇ خەلققە پۇل ۋە ئاشلىق قەرز بېرىپتۇق. ئەمدى بىز ئۆسۈم ئېلىشنى توختىتايلى!


ئۇلار: _ ھەممىنى قايتۇرۇپ بېرىمىز، خەلقتىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمايمىز، دېگىنىڭىز بويىچە بېجىرىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن روھانىيلارنى چاقىرتىپ كەلدىم، ئاندىن جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى چاقىرىپ كېلىپ، روھانىيلارنىڭ ئالدىدا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە قەسەم قىلدۇردۇم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite