Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 5:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 قېرىنداشلىرىم، خىزمەتكارلىرىم، ھەتتا مەنمۇ خەلققە پۇل ۋە ئاشلىق قەرز بېرىپتۇق. ئەمدى بىز ئۆسۈم ئېلىشنى توختىتايلى!

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 5:10
18 Referans Kwoze  

بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز.


شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سىلەرنى شۇنىڭغا ئۈندەيمىزكى، خۇدا بىلەن يارىشىڭلار. بەجايىكى، بۇ خۇدانىڭ بىز ئارقىلىق سىلەرنى مۇراجىئەت قىلغىنىدۇر.


رەببىمىزدىن ئەيمىنىشنى بىلگەنىكەنمىز، ئىنسانلارنى بۇ ھەقتە قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىز خۇداغا ئايان. ۋىجدانىڭلارنىڭمۇ بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


تۆشىكىدە يېتىۋېلىپ، باشقىلارغا يامانلىق ۋە رەزىللىك قىلىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئويلىغان رەزىل ئىشلىرىنى قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.


قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالسا، بۇ ئوغۇل يەنە ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق، ئۇ چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، چۈنكى ئۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ئۇ چوقۇم ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.


قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالمىسا، ئادالەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرسا، ئادالەت بىلەن ئىش بېجىرسە،


جازانىغا پۇل قەرز بەرمەيدىغانلار، پارا يەپ بىگۇناھقا زىيان سالمايدىغانلار، مەڭگۈ تەۋرەنمەستۇر مانا بۇلار.


بۇ ئىش ھەققىدە ئويلانغاندىن كېيىن، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدىم: _ سىلەر ئۆسۈم ئېلىش ئارقىلىق ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا زۇلۇم سېلىۋاتىسلەر! ئاندىن مەن جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارغا قارشى يىغىن ئاچتىم.


مەن يەنە: _ قىلغىنىڭلار ھەقىقەتەن توغرا بولماپتۇ! سىلەر نېمىشقا خۇدادىن قورقماي، يات خەلقتىن بولغان رەقىبلىرىمىزنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىسىلەر؟


سىلەرگە گۆرۈگە قويۇلغان ئېتىز، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنلۇق ۋە ئۆيلەرنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار! پۇل، ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى قەرز بېرىپ ئالغان ئۆسۈملىرىڭلارنى ياندۇرۇپ بېرىڭلار! _ دېدىم.


مېنى خۇرسەن قىلىدىغان روزا، رەزىللىكنىڭ ئارغامچىسىنى بوشىتىش بولماستىن، ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ، بويۇنتۇرۇقنىڭ تانىسىنى يېشىپ تاشلاش، بارلىق بويۇنتۇرۇقلارنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟


ئۇنىڭ قائىدىسى مۇنداق بولسۇن: بارلىق قەرز ئىگىلىرى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىدىكى قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىڭلار. ئۇلاردىن قەرز سۈيلىمەڭلار، چۈنكى قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشنى پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندۇر.


بىز ئىبادەتخانىنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەر يىلى تۆت گىرامدىن كۈمۈش بېرىشكە ۋەدە قىلىمىز.


باشقىلارنى بوزەك قىلمىسا، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرسە، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite