9 بىز خۇدايىمىزغا دۇئا قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز قاراۋۇللارنى قويدۇق.
ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ.
چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»
ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىدىغان بۇ ئالامەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلىشىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانئوغلى ئالدىدا قورقماي تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن ھەر دائىم دۇئا قىلىڭلار، - دېدى.
ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. كۆڭۈل خالايدۇ، لېكىن تەن ئاجىزدۇر، - دېدى.
ھېلىقى كىشى يەنە: _ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ ھەم ئىنسانلار بىلەنمۇ چېلىشىپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن كەلدىڭ، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەقىبىمىزنىڭ: «بىز يەھۇدىيلارغا سەزدۈرمەي ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىمىز» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.
لېكىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا: «ئىشلەۋاتقانلار بارغانسېرى ھالىدىن كېتىۋاتىدۇ. خارابىلىك شۇ پېتى تۇرۇۋاتىدۇ، بىز سېپىلنى قانداقمۇ پۈتتۈرەرمىز؟» دېگەن گەپ تارقالدى.
ھىيلىگەرلەرنىڭ ھىيلىسىنى بۇزۇپ، ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ.
بىكار قىلار پەرۋەردىگار خۇداسىزلارنىڭ قارارلىرىنى، يوق قىلار ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى.
قوغدار پەرۋەردىگار ھەقىقەتنى، يوققا چىقىرار ۋاپاسىزنىڭ سۆزلىرىنى.