6 بىز ھەممىمىز چىن دىلىمىز بىلەن ئىشلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، سېپىلنىڭ ئېگىزلىكى يېرىم قوپۇرۇلۇپ، تۇتاشتۇرۇلدى.
چۈنكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارزۇ ھەم كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ.
سىلەرنى سىلەر ئېھتىياج بولغان بارلىق ياخشى نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! ئەبەدىلئەبەد شان-شەرەپكە لايىق بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگەي، ئامىن!
سېپىل 52 كۈندە، كۈز پەسلى ئەلۇل ئېيىنىڭ 25-كۈنى تاماملاندى.
ساڭا ھەدىيە سۇنغۇدەك مەن كىم ئىدىم، خەلقىم كىم ئىدى. بىز ساڭا ھەدىيە سۇنۇشقا قانداقمۇ لايىق كېلىمىز؟ چۈنكى پۈتۈن نەرسە سەندىن كېلىدۇ. بىز پەقەت سەندىن ئالغان نەرسىنى ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس!
مەن خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندىن باشقا، يەنە ئۆزۈمنىڭ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويغان ئالتۇن، كۈمۈشلىرىمنىمۇ ھەدىيە قىلىمەن.
سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا، تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا. سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا، خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا.
خىزكىيا ۋە پۈتۈن خەلق خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىدىن شاد-خۇرام بولدى. بۇ ئىشلار ناھايىتى تېز ئەمەلگە ئاشتى.
ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇشچىلار ئالدىدا سېنى ھاقارەتلىگەنلىكىدەك رەزىللىكلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن، گۇناھلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن.»
سانباللات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونلار ۋە ئاشدودلۇقلار يېرۇسالېم سېپىل قۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى ۋە يېرىقلىرىنىڭ ئېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى.
يېرۇسالېم _ رەتلىك سېلىنغان پۇختا بىر شەھەر.
پەرۋەردىگار شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە بارلىق خەلقنى روھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى باشلىۋەتتى.