3 ئاممونلاردىن بولغان توبىيا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: _ ئۇلارنىڭ ياساۋاتقان بۇ سېپىلىغا بىر تۈلكە چىقسىلا، ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ! _ دېدى.
خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا ۋە گەشەم ئىسىملىك بىر ئەرەب بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، بىزگە نەپرەت قىلىپ: _ سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكچىمۇ سىلەر؟ _ دەپ سوئال قويۇشتى.
خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا بىر ئادەمنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە ياردەمگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولۇپتۇ.
سەركەردە يەنە مۇنداق دېدى: _ كېلىڭلار، بىز خوجايىنىم ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نامى بىلەن شەرتلىشەيلى. بىز سىلەرگە ئىككى مىڭ ئات بەرسەك، سىلەر ئىككى مىڭ چەۋەنداز تاپالامسىلەر؟
بەنھاداد: _ مەيلى ئۇلار سۈلھى ئۈچۈن چىققان بولسۇن ياكى جەڭ قىلىش ئۈچۈن چىققان بولسۇن، ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى.
بەنھاداد ئاخابقا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ پۈتۈن سامارىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۈزلەپ تاشلىغىنىمدا، ئۇ يەردە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قولىغا چىققۇدەك يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە قالىدىغان بولسا، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىغاي، _ دېدى.
چۈنكى قاقاسلىققا ئايلاندى سىئون تېغى، چىلبۆرىگە ماكان بولدى ھەممە يېرى.
سانباللات، توبىيا، شۇنداقلا گەشەم ئىسىملىك ھېلىقى ئەرەب ۋە باشقا رەقىبلەر بىزنىڭ سېپىلنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىمىزدىن ۋە بىرەر يېرىقىنىڭمۇ ئېتىلمەي قالمىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز تېخى سېپىلنىڭ دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتمىغانىدۇق.
ئاممونلار ۋە موئابلارنى ئونىنچى ئەۋلادىغىچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار.