Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 4:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 شۇڭا سەھەردىن تاكى يۇلتۇزلار كۆرۈنگۈچە يېرىمىمىز ئىشلىدۇق، يېرىمىمىز قولىمىزغا نەيزە ئېلىپ قاراۋۇللۇق قىلدۇق.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 4:21
6 Referans Kwoze  

شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز.


شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.


لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم.


بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھتىن كەلگەن، ھاياتىمدا نامايان بولۇۋاتقان زور كۈچكە تايىنىپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتىمەن.


سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، يېنىمغا يىغىلىڭلار. خۇدايىمىز جەڭدە بىزگە يار بولىدۇ، _ دېدىم.


مەن يەنە كىشىلەرگە: _ ھەركىم ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى بىلەن يېرۇسالېمدا كېچىسى قاراۋۇللۇق قىلسۇن، كۈندۈزى سېپىلدا ئىشلىسۇن، _ دېدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite