13 شۇڭا مەن يەھۇدىيلارنى ئۆز جەمەتى بويىچە قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، سېپىلنىڭ ئوچۇق ۋە ئەڭ پاكار يەرلىرىگە قاراۋۇللۇققا قويدۇم.
قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.
- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.
ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار، ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار.
دۈشمەنگە يېقىن ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلار كېلىپ، بىزنى قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۇلار بىزگە ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلماقچى!» دېيىشتى.
مەن ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: «مەن ھازىر مۇھىم ئىش ئۈستىدە، ئۇ يەرگە بارالمايمەن. سىلەر بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ، ئىشىمنى توختىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن» دېدىم.