10 لېكىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا: «ئىشلەۋاتقانلار بارغانسېرى ھالىدىن كېتىۋاتىدۇ. خارابىلىك شۇ پېتى تۇرۇۋاتىدۇ، بىز سېپىلنى قانداقمۇ پۈتتۈرەرمىز؟» دېگەن گەپ تارقالدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىدى، دەپ يۈرىدۇ».
_ ئەي ئادەم بالىسى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تىر شەھىرىگە قارشى شىددەتلىك ئۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇرۇشنىڭ شىددەتلىكىدىن دۇبۇلغىلار لەشكەرلەرنىڭ باشلىرىنى يالىدى، ئېغىر يۈكلەر مۈرىلىرىنى يېغىر قىلدى. لېكىن ئۇلار تۆلىگەن بەدەللىرىگە لايىق تىردىن ھېچقانداق ئولجىغا ئېرىشەلمىدى.
ئۇ بۇلاردىن 80 مىڭ ئادەمنى تاغدىن تاش قېزىشقا، 70 مىڭ ئادەمنى توشۇغۇچى ئىشچىلىققا، 3600 ئادەمنى نازارەتچىلىككە تاللىدى.
ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانىدى.
لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغان كىشىلەر: _ بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالمايمىز، ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك، _ دېيىشتى.
ئۇ ھەمراھلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنلىرى ئالدىدا: _ بۇ ئاجىز يەھۇدىيلار نېمە قىلالايدىكەن، ئۇلار بۇ سېپىلنى قايتىدىن ياسىماقچىمىكەن؟ ئۇلار قۇربانلىق قىلساقلا، بۇ ئىشنى بىر كۈندىلا پۈتتۈرەلەيمىز، دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ خارابلىقتىكى كۈل ۋە داشقالغا ئايلانغان تاشلارنى قايتىدىن ئىشلىتەمدىكەن؟ _ دېدى.
بىز خۇدايىمىزغا دۇئا قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز قاراۋۇللارنى قويدۇق.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەقىبىمىزنىڭ: «بىز يەھۇدىيلارغا سەزدۈرمەي ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىمىز» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.